خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشىدا ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ موسكۋادا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.
ئامېرىكا يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە خىتاينىڭ روسىيەگە قورال ياردىمى بېرەلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
پۇتىن بىلەن لىنىڭ ئۇچرىشىشىغا رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇمۇ قاتناشتى.
«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، پۇتىن يىغىندا مۇنداق دېدى: «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئىقتىساد ، ئىجتىمائىي ، مەدەنىيەت ، مائارىپ تارماقلىرى ۋە ھەربىي ساھەلەردى ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتىدۇ ».
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى، رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئاللىقاچان يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنى بايان قىلىپ ، «بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ناھايىتى قويۇق» دېدى.
لى ئۆزىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغاندىن بۇيانقى تۇنجى چەتئەل زىيارىتى ئۈچۈن روسىيەنى تاللىغانلىقىنى تەكىتلەپ ، ئۆزىنىڭ بۇنى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مۇھىملىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈن قىلغانلىقىنى ئېيتتى.