ئامېرىكا ، كورېيە ۋە ياپونىيە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىغا يېقىن دېڭىزدا «چاۋشيەننىڭ تەھدىتى» گە قارشى بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىرى ئۆتكۈزدى. مانېۋىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش سىنىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۈچ دۆلەت ئالدىنقى ھەپتە ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلغان بولۇپ، بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە ، ئامېرىكا ، كورېيە ۋە ياپونىيە چاۋشيەنگە قارشى دىپلوماتىك ۋە بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەتلەردە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلدى.
چاۋشيەن ئالدىنقى قېتىم جۈمە كۈنى قاتتىق يېقىلغۇ قىلىنىدىغان قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلدى.
كورېيە دېڭىز ئارمىيىسى ئېلان قىلغان باياناتىدا ، مانېۋىرنىڭ چاۋشيەننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىغۋاگەرچىلىكىگە چېتىشلىق سىنارىيەدە بايقاش ۋە ئىز قوغلاشتىن مەۋھۇم نىشان بايقاش ئارقىلىق ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقىچە بولغان جەرياندا ئېلىپ بېرىلدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
كورىيەنىڭ قوماندانى كىم كىيوڭ مۇنداق دېدى: «بۇ مانېۋىر چاۋشيەننىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتى ئالدىدا ئۈچ تەرەپلىك بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش پۇرسىتى».
ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى يەنە ئۈچ دۆلەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان مانېۋىرنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا قائىدىلەر دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بايان قىلدى.
چاۋشيەن ئامېرىكا ئىشتىراك قىلغان رايوندىكى مانېۋىرغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى ھەمدە ھۇجۇمغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا ۋە كورېيە ھاۋا ئارمىيىسىمۇ بۈگۈن رايوندا 12 كۈنلۈك مانېۋىرنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.