بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئافغانىستاندىكى ئىسلام ئىمارىتىنى ئېتىراپ قىلىش يىغىنىنىڭ پىلانلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئامىنە مۇھەممەد ئۆزلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئىسلام ئىمارىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن يىغىن پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامىنە مۇھەممەد پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا سۆز قىلىپ، يىغىنغا خەلقئارالىق باش ئەلچىلەرنىڭ ھەمدە ئافغانىستان باش ئەلچىلىرىنىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
مۇھەممەد مۇنداق دېدى: «بىز ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئەلچىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىشىمىز مۇمكىن، تالىبان ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم باش كاتىپ بىلەن كۆرۈشۈپ، رايون ۋە خەلقئارادا باش ئەلچى دەرىجىلىك تۇنجى يىغىنغا قاتنىشىشىدۇ». دېدى.