
🔎ھازىرقى زامان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى
ھازىرقى زامان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئاساسلىقى پىيادە قىسىم( رەقەملەشتۈرۈلگەن پىيادە قىسىم، ئاۋىئاتسىيەلەشكەن پىيادە قىسىم)، بىرونىۋىكچى قىسىم(تانكىچى قىسىم)، توپچى قىسىم، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھاۋا مۇداپىيە قىسىمى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاۋىئاتسىيە قىسىمى، ئېلىكترونلۇق قارشىلىشىش قىسىمى، ساپيور(قۇرۇلۇش قىسىمى)، خىمىۋىيلىكتىن مۇداپىيەلىنىش قىسىمى، ئالاقىچى قىسىم، رازۋىدكىچى قىسىم، ئالاھىدە قىسىم قاتارلىق قىسىم تۈرلىرىنى ۋە كەسپى قىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.
بەزى دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەلىرىدە پاراشوتچى قىسىم، راكىتاچى قىسىم ۋە تۆمۈر يول قىسىمى ھەم بولىدۇ. ھەر بىر قىسىمغا ئايرىم ھالدا قوماندانلىق ئورگىنى تەئسىس قىلىنغان بولىدۇ، بۇ ئورگانلارنىڭ ناملىرى ئادەتتە بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ. كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇقلمىسى(چوڭدىن كىچىككە) [دېۋىزيە-بىرگادا-پولىك-گازارما-روتا-پەي-ۋىزۋود] شەكلىدە بولىدۇ، گاھى دۆلەتلەرنىڭكىدە دېۋىزيەدىنمۇ چوڭ بولغان كورپۇس دەپ تەشكىلىي قۇرۇلما تۈزۈلگەن بولىدۇ. ھازىرقى زامان قۇرۇقلۇق ئارمىيەلىرى قىسىم تۈرلىرى كۆپ بولغان، كۆپ سېستىمىلىق ۋە كۆپ قاتلاملىق بىر چوڭ گەۋدىدۇر. ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل جەڭ ئەمىلىيىتى ئېلىپ بارالايدۇ ھەمدە باشقا ئارمىيەلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەم جەڭ ئېلىپ بارالايدۇ. اللە خالىسا ئەتىدىكى «كۈندۈلۈك ئەسكىرى ساۋاتلار» يوللانمىمىزدا ھازىرقى زامان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىگە تەۋە بولغان قىسىملارنى تونۇشتۇرۇشقا باشلايمىز. خاتا كەتكەن ياكى كەمچىللىكلىرىمىزنى تۈزۈتۈپ قويۇشىڭلارنى سورايمىز.
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى