2012-يىلى روسىيە يېڭى تىپتىكى ئاپتومات AK-12 نى ياساپ چىقتى. يېڭى ياسالغان بۇ ئاپتومات يەنىلا كىلاشىنكوف ئائىلىسىگە تەۋە بولۇپ، ئىشلەش پىرىنسىپى باشقا ئاپتومات كىلاشىنكوفلارنىڭكىگە ئاساسەن ئوخشايدۇ.
يېڭى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن يەرلىرى بولسا:
● قورال قۇرغۇچىنى ئوڭ-سولغا يۆتكۈگىلى بولىدۇ.
● قورال قاپقىقى ۋە ئالدى قول مۇقۇملاشتۇرغۇچىڭ ئاتى ئۈستى ئوڭ-سول تەرەپلىرىگە رېلىس ئورۇنلاشتۇرىلغان بولۇپ، قورالغا قوشۇمچە سەپلىمىلەرنى (پىچاق،دىربۇن،بومبا ئاتار قاتارلىق) ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇپ بەرگەن.
● بۇرۇن ياسالغان كىلاشىنكوف تىپىدىكى ئاپتوماتلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ئىلگىركى ئەنئەنىۋى نۇسخۇلۇق ئالدى كەينى قارغا ئالغۇچلارنى يېڭى ھالەتتىكى قارغا-ئالغۇچقا ئالماشتۇرغان بولۇپ، كەينى قارغا ئالغۇچ بىۋاستە قورال قاپقىغىغا ۋە كۆزگە يېقىن يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇنداق بولغاندا قارغا ئېلىش تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قورال قاپقىغى AKs-74u نىڭكىگە ئوخشاش ئۈستىگە قاتلېنىپ ئېچىلىدىغان بولۇپ، قورالنىڭ رىكىلاشى ئاسانلىقچە بۇزغۇنلۇققا ئۇچىرىمايدۇ.
● قورال پاينىكى يانغا قاتلېنىدىغان قىلىپ لاھىيەلەنگەن بولۇپ، تۆت تال ئۇزارتىپ قىسقارتىش بالدىقى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۆزىمىزگە ماس ھالدا پايدىلىنالايمىز. ئۇنىڭدىن سىرت قورالنىڭ مۈرىگە دېرىلىدىغان يېرىمۇ ئالاھىدە لاھىيەلەنگەن بولۇپ، قورالنىڭ سىلكىش كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ.
● ئوق ئېتىش ھالىتىنى ئۈچ خىل تەڭشىگىلى بولىدۇ، يەنى بىر تەپكىدە بىر پاي بىر پايدىن ئېتىش، يەنە بىرى بىر تەپكىدە ئۈچ پاي ئېتىش يەنە بىرى سىيرىپ ئېتىش قاتارلىقلار.ئادەتتە پۈتۈن ئاپتۇماتىك ئوق ئاتقاندا نەزىريەدە مىنۇتىغا 600 پاي، بىر تەپكىدە ئۈچ پايدىن ئاتقاندا مىنۇتىغا 1000 پايدىن كۆپ ئوق ئاتقىلى بولىدۇ. قورال ئېغىرلىقى : 3.3 كېلوگىرام،
● قورالنىڭ ئوقدانى ھەم ئۆزگىچە لاھىيلەنگن بولۇپ، ئەنئەنىۋى ھالەتلەردىكى كىلانشىنكوفلارنىڭ ئىككى لىنىيەلىك 30 پايلىق ئوقدانى سەپلىنىشتىن سىرت يېڭى لاھىيەلەنگەن تۆت لىنىيەلىك 60 پايلىق ئوقدان ھەم سەپلەنگەن. AK-12نىڭ ئېغىر تىپلىق ۋە يىنىك تىپلىق دەپ ئىككى نۇسخىسى بار بولۇپ، يىنىك تىپلىقىنىڭ 4 خىل ئوق نەيچە ئۆلچىمى بار، ئېغىر تىپلىقنىڭ بولسا 2 خىل ئوق نەيچە ئۆلچىمى بار. ئوق نەيچىلىرىنى ئۆزئار ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئوق نەيچە ئۆلچەملىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تاپانچا پېلىموت تىپى، پېلىموت ۋە مەرگەن قورالى تىپىدىكىلىرى ھەم بار.
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى