تەكلىماكان
يېڭىلىقلار
ھىندىستاندىن كەشمىردە ھىجاب چەكلەش قارارى
يۈسۈپ قادىرخان
ئىقتىدارلىق ھەربىي قۇماندان سۇلايمان ئارىسلانخان
تەكلىماكان كۈندىلىك خەۋەرلىرى/ 24-06-2025
تەكلىماكان كۈندىلىك خەۋەرلىرى/ 23-06-2025
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان
تەكلىماكان كۈندىلىك خەۋەرلىرى/ 22-06-2025
تەكلىماكان كۈندىلىك خەۋەرلىرى/ 18-06-2025
تەكلىماكان كۈندىلىك خەۋەرلىرى/ 17-06-2025
تەكلىماكان كۈندىلىك خەۋەرلىرى/ 16-06-2025
تەكلىماكان كۈندىلىك خەۋەرلىرى/ 04-06-2025
تەكلىماكان
سەيشەنبە, ئىيۇل 8, 2025
تەكلىماكان
تەكلىماكان
  • Home
  • Buy Now
Copyright 2021 - All Right Reserved
ئۆي مەشھۇر شەخسلەرسابىت داموللام
مەشھۇر شەخسلەر

سابىت داموللام

تەرىپىدىن تەكلىماكان 2020-09-17
تەرىپىدىن تەكلىماكان 2020-09-17 0 باھالار
2.2K

سابىت داموللام ئابدۇلباقى كامالى 1883-يىلى ئاتۇشنىڭ ئازراق كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ دىنىي تەربىيىنى ئازاقتا چوڭ ئەلەم ئاخۇنۇم دېگەن كىشىدىن ئالغان. كېيىن قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇغان.

1910- يىلى ئابدۇقادىر داموللام ھەم مامۇت ئاخۇن داموللاملارنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن، بۇخاراغا بېرىپ يۇقىرى مەلۇمات ئالغان. 1914- يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ داموللا بولۇپ يۇرتىغا قايتىش سەپىرىدە، ئىلىغا كېلىپ سۈيدۈڭدە ئىسمائىل ھاجى دېگەن كىشىنىڭ قىزى رابىيە بىلەن تويلىشىپ ئۆيلۈك بولغان. بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، «رەستە ۋەقەسى» سەۋەبى بىلەن ئايالى رابىيە بىلەن ئاجرىشىپ، ئوغلى ئابدۇللانى ئايالىغا قالدۇرۇپ، قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ھەمدە قەشقەر خانلىق مەدرىسە ئۇستازى ئابدۇقادىر داموللام ھەم مەسلەكدىشى شەمشىدىن داموللام بىلەن بىللە مۇدەررىسلىك قىلىش بىلەن بىرگە مۇتەئەسسىپلىككە، خۇراپاتلىققا، قۇلچىلىققا، نادانلىققا جاھانگىرلىككە قارشى ھەققانىي ھەرىكەتلەرنى تەشكىللىگەن.

1924- يىلى ئابدۇقادىر داموللام سۇيىقەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، سۇيىقەستچىلەرنىڭ نىشانى سابىت داموللامغا مەركەزلەشكەن. بۇنى سەزگەن سابىت داموللام 1925-يىلى ھەجگە بېرىش باھانىسى بىلەن ئىلىغا يېنىپ چىققان ھەم ئىلىدىكى مەرىپەتپەرۋەر، ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن، 1927-يىلى، «شىرىنكالام» دېگەن كىتابىنى تۇنجى قېتىم كۈرەدە تاش مەتبەئەدە باستۇرغان. بۇ كىتابتا نۇقتىلىق ھالداب پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئەخلاق-پەزىلەتلىرى سۆزلەنگەن. بۇ كىتاب كېيىن ھىندىستاندا بېسىلىپ تارقىتىلغان.

سابىت داموللام دىنىي ئىلىملەردە ھەم تۈركچە، ئەرەبچە، پارسچە ئەدەبىياتنىڭ پۈتكۈل تۈرلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان بولغاچقا، مەزكۇر تىللاردا بەزىدە نەسرىي، بەزىدە نەزمىي بىلەن سۆزلەش، يېزىش كامالىتىگە يەتكەن. ئۇ 1927-يىلىدىن باشلاپ، غۇلجا شەھىرى دەڭ مەسچىتىدە «قۇرئان كىرىمى» نى ئاغزاكى تەرجىمە قىلىپ، بۇ ئىشنى ئۈچ يىل داۋاملاشتۇرغان. يەنە بىر تەرەپتىن «ئىسلام قانۇنى»، «ئەلفىيەنىڭ شەرھىسى» «ئاقائىدە جەۋھەرىيە، بايان ئەل سۈننەت» دېگەن كىتابلارنى يازغان. 1930-يىلى غۇلجىدا، چۆچەكتىكى مۇرات ئەپەندىدىن تەلىم ئېلىش باھانىسى بىلەن ۋەزىيەتنى كۆزەتكىلى چىققان خوتەن قاراقاشلىق مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا بىلەن پىكىرلەشكەن. ئۇ شۇ يىلى كۈزدە قەشقەر ۋە ئاتۇشتىن چىققان شەمشىدىن داموللا، ياقۇپ ھاجى قاتارلىق يۈزدەك كىشى بىلەن بىرلىكتە ئون نەچچە ياشلىق ئوغلى ئابدۇللانى ئېلىپ ھەجگە ماڭغان.

1931- يىلى باھاردا، ئۇ ھەج تاۋابىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىلمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن، كۆپچىلىك بىلەن خوشلاشقان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈش، ئۆگىنىش بىلەن بولغان ۋە ئىلمىي سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغان. تۈركىيىدە ئىلمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان چېغىدا، مىسىردا دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، يىغىنغا ئۈلگۈرۈپ قاھىرەگە بارغان.

سابىت داموللام سەئۇدى ئەرەبىستانىدا، مىسىردا ۋە تۈركىيىدە ئىلمىي زىيارەتتە بولۇپ، ۋەتەنگە قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، 1932-يىلى ھىندىستانغا كېلىپ دېھلىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالغان ھەم «ئاقائىدە جەۋھەرىيە، بايان ئەل سۈننەت»، «ئەلفىيەنىڭ شەرھىسى»، «شېرىن كالام» ناملىق كىتابلىرىنى باستۇرغان.

سابىت داموللام 1932-يىلى 12-ئايدا، قاغىلىققا يېتىپ كەلگەن، ئاندىن ئۇدۇل خوتەنگە بارغان. 1933-يىلى 1-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، قاراقاش ئويباغ مەدرىسىدە، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا 1931-يىلى 6-ئايدا قۇرغان يوشۇرۇن تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىدىن بىر يۈز ئوتتۇز كىشى يىغىن ئېچىپ، سابىت داموللام بىلەن قارىقاشلىق مەمەت نىياز ئەلەم ئاخۇنۇمنى ئەزالىققا قوبۇل قىلغان ھەمدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش كۈنىنى بەلگىلەش، قوزغىلاڭچىلار رەھبەرلىرىنى سايلاش ئىشىنى مۇزاكىرىلىشىپ بېكىتكەن.

سابىت داموللام ئۆزىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئىگىلىگەن ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق خۇلاسە چىقارغان:
بىرىنچى، بۈگۈنكى دۇنيا شارائىتىدا قوشنا ۋە باشقا چەت دۆلەتلەردىن ئىنقىلابىمىزغا ياردەم كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس. مەن بۇ ھەقتە كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن پىكىرلەشتىم.

ئىككىنچى، ئىنقىلابنىڭ قوزغىلىش نۇقتىسى خوتەندە بولۇشى لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن ئۇدۇل خوتەنگە كەلدىم.

سابىت داموللام رامزان مۇناسىۋىتى بىلەن خوتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «قۇرئان» ۋە ھەدىسلەردىن ۋەز ئېيتىپ، بولۇپمۇ جىھاد توغرىسىدىكى تەلىماتلارنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، قوزغىلاڭ ئۈچۈن خەلق ئىچىدە ئومۇمىي پىكىر ئېقىمى بەرپا قىلىپ، ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچلەرنىڭ توپلىنىشىغا كۈچ چىقاردى.

1933- يىلى 2- ئاينىڭ 24- كۈنى، قاراقاشتا قوزغىلاڭ پارتلىغان. 1933- يىلى 4- ئايغىچە خوتەن تەۋەسى قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن. شۇنىڭ بىلەن 4- ئاينىڭ 5- كۈنى «خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى» قۇرۇلغان. سابىت داموللام قوزغىلاڭ جەريانىدا، يەكەن قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراشتۇرغان.

1933- يىلى 7- ئاينىڭ 17- كۈنى، سابىت داموللام بىلەن مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ ئىنىسى ئىمىر ئابدۇللا (شاھ مەنسۇر) ئىككى مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ يەكەندىن قەشقەرگە قاراپ يولغا چىققان. سابىت داموللاملار يەكەندىكى چاغدا، قەشقەردىن تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللام باشچىلىقىدىكى تۆت ۋەكىلى يەكەنگە يېتىپ كەلگەن. ئۇلار قوزغىلاڭچىلارنىڭ قەشقەرگە بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقى توغرىسىدا سابىت داموللاملار بىلەن كېڭەش ئۆتكۈزگەن. سابىت داموللام باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمىغان.

سابىت داموللام بىلەن ئىمىر ئابدۇللا يېتەكچىلىكىدىكى ئىككى مىڭ كىشىلىك قوشۇن يېڭىسارغا يېتىپ كەلگەندە، تۆمۈر سىجاڭ قەشقەردىن يېڭىسارغا كېلىپ، سابىت داموللاملارنىڭ قەشقەرگە بارماسلىقىنى ئۆتۈنىدۇ. لېكىن سابىت داموللام بىلەن ئىمىر ئابدۇللا ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ، قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىپ، 7- ئاينىڭ 20- كۈنى قەشقەرگە يېتىپ كېلىدۇ. ئون مىڭلىغان شەھەر پۇقراسى يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا تۇرۇپ، ئۇلارنى قىزدىن قارشى ئېلىشىدۇ.

بۇ ئارىدا يۈز بەرگەن بەزى قالايمىقانچىلىقلاردىن كېيىن، 8- ئاينىڭ 15- كۈنى سابىت داموللام قەشقەر شەھىرىدە خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر ئىش باشقۇرۇش ئىدارىسىنى قۇرغان. 9- ئاينىڭ 10- كۈنى بۇ ئىدارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق جەمىئىيىتى» نى قۇرغان

ئىككى ئايلىق پۇختا تەييارلىق خىزمىتىدىن كېيىن، 1933- يىل 11- ئاينىڭ 12- كۈنى قەشقەردە: «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلۇپ، كۆنچى مەھەللىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا بايراق چىقىرىلدى. بۇ بايراق ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئىدى. بايراق چىقىرىلىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش چوڭ يىغىنىدا، ھۆكۈمەت تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىندى.

11- ئاينىڭ 15- كۈنى، قۇتلۇق ھاجى باش مۇھەررىرلىكىدىكى باسمىخانىسىدا «شەرقىي تۈركىستان ھەپتىلىك گېزىتى» نى چىقاردى. يېرىم ئايدىن كېيىن: ئايلىق «مۇستەقىللىق» ژۇرنىلى چىقىرىلدى، ئۇنىڭدا، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» رەھبەرلىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە مۇھىم ھۆججەتلەر بېسىلد.

«شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ستالىن ھۆكۈمىتى بىلەن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ساراسىمىگە سالغان.

1934- يىلى 4- ئايدا، خوجىنىياز ھاجى يەكەندە زىرىپ قارى ھاجى، شەمشىدىن داموللا، ئابلاخان سۇلتانبەگ قاتارلىق تۆت كىشىنى نەزەربەند قىلغان. 4- ئاينىڭ 13- كۈنى، مەخمۇت سىجاڭ قول ئاستىدىكى غوپۇر تۈەنجاڭنى قاغىلىققا ئەۋەتىپ، سابىت داموللامنى قولغا ئالغان. خوجىنىياز ھاجى سابىت داموللام بىلەن زىرىپ قارى ھاجىنى ئاقسۇغا يالاپ ئېلىپ كېلىپ، شېڭ شىسەينىڭ ئاقسۇدىكىسى قىسىملىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

سابىت داموللام 1934- يىلى شېڭ شىسەينىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىسىگە قامالغان. 1940- يىلى ئۈرۈمچى ئىككىنچى تۈرمىنىڭ باشلىقى لۇ بىندى ئىسىملىك خۇيزۇ سابىت داموللام بىلەن تونۇشۇپ قالغان. لۇ بىندى سابىت داموللامنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇنىڭغا «قۇرئان كەرىم» بىلەن قەغەز-قەلەم ئەكىرىپ بەرگەن ھەمدە سابىت داموللامنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاپ بەرگەن. شۇ كۈندىن باشلاپ، سابىت داموللام «قۇرئان كەرىم» نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە-تەفسىر قىلىشقا كىرىشكەن ۋە ئون ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا تەرجىمە-تەفسىرىنى تولۇق تاماملىغان.

سابىت داموللام تەرجىمە خىزمىتىنى تۈگىتىپ كۆپ ئۆتمەي، يەنى 1941- يىلى 58 يېشىدا، شېڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغان.

مەنبە: توردىن ئېلىندى

ئسىلامتەكلىماكانخوتەنسابىت داموللامشەرقىي تۈركىستانشەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىقەشقەر
Share 0 FacebookTwitterPinterestThreadsBlueskyEmail
تەكلىماكان

ئالدىنقى يازما
ئالتاي بۈركىتى «ئوسمان باتۇر»
كېيىنكى يازما
دۇنيادىكى قايسى دۆلەتتە ئامېرىكىنىڭ قانچىلىك ئەسكىرى بار؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

يۈسۈپ قادىرخان

ئىقتىدارلىق ھەربىي قۇماندان سۇلايمان ئارىسلانخان

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان

مۇھەممەد سالىھ داموللا

ئەلى ئىززېتبېگوۋىچ

يۈسۈپ خاس ھاجىپ

مەھمۇد قەشقەرى

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان

ئالتاي بۈركىتى «ئوسمان باتۇر»

باھا يېزىڭ جاۋابنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش

فىلىملەر

  • ئەبۇ ئۇبەيدە كىم؟ «يېڭى فىلىم»

    2023-11-15
  • خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىنى قانداق چۈشۈنىش كېرەك؟ (يېڭى فىلىم)

    2023-10-20
  • خىتاي تەھدىتى ئاسىيادىكى مۇداپىئە سىياسىتىنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟

    2023-08-06
  • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن» 2023-07-09

    2023-07-09
  • خىتاي, ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە قالدۇرغان «كۈچ بوشلۇقى» نى تولدۇرماقچىمۇ؟

    2023-07-08

يازما ئەسەرلەر

  • خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى

    2023-12-21
  • ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

    2023-12-09
  • ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» دىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

    2023-12-07
  • 📌 خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى

    2023-11-30
  • ھاماسنىڭ غەززەدىكى مەخپىي تونېل تورى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

    2023-10-29

ئاۋات تېمىلار

  • 1

    ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» دىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

    2023-12-07
  • 2

    📌 خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى

    2023-11-30
  • 3

    خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى

    2023-12-21
  • 4

    ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

    2023-12-09
  • 5

    ئىسرائىلىيە قىسىملىرى جەنىن پاناھلانغۇچىلار لاگېرى بىلەن  ئۈچ  دوختۇرخانىنى قورشاۋغا ئالدى

    2023-11-30

Footer - تەكلىماكان تەشۋىقات

تەكلىماكان تەشۋىقات لوگوسى

تەكلىماكان تەشۋىقات - ئۇنۋىرسال چوڭ توربىكەت. فىلىم، خەۋەر، ئىقتىساد، ماقالە ۋە رەسىملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تېز ئۇلانمىلار

  • باش بەت
  • ھەققىمىزدا
  • فىلىملەر
  • خەۋەرلەر
  • ئالاقىلىشىش

بۆلەكلەر

  • خەلىقئارا خەۋەر
  • ئىقتىسادى كۆزنەك
  • ماقالە
  • رەسىم
  • ۋىدېئو

ئالاقە

  • [email protected]

© 2023 تەكلىماكان تەشۋىقات. ھەققى مۇھاپىزەت قىلىنغان.

تەكلىماكان
  • باشبەت
  • فىلىملەر
    • كۈندىلىك خەۋەر
    • تارىخى فىلىم
    • بالىلار فىلىملىرى
    • سىياسىي فىلىم
    • تەبىئەت دۇنياسى
    • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن»
  • خەلقئارا خەۋەرلەر
    • ياۋروپا
    • ئاسىيا
    • چاقماق خەۋەر
    • ئوتتۇر شەرىق
    • ئىقتىسادى كۆزنەك
  • ماقالىلەر
    • دىننى ۋە تارىخى كىتابلار
    • بالىلار ئۈچۈن ئوقۇشلۇقى
    • سىياسىي ماقالىلەر
    • شېئىرلار
    • ئۈزۈندىلەر
    • ئۇيغۇر تىبابىتى
  • ئەسكىرىي يوللانمىلار
    • قورال ياراغلارنىڭ مەلۇماتلىرى
    • تارىختا ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ئۇرۇشلار
    • قسىقا ئەسكىري بىلىملەر
    • قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى
    • ھاۋا ئارمىيىسى
    • دېڭىز ئارمىيىسى
    • ئەسكىرى يېڭىلىقلار
  • ئاۋازلىق كىتاب
    • قۇرئان كەرىم «ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق تەرجىمىسى»
    • قىرائەت
      • ئەيمەن سۇۋەيدى
      • مۇھەممەد كوردى
      • ھانى ئەر رىفائى
    • شىرىن بۇلاق
    • تۆت خەلىپە
    • قۇتادغۇبىلىك
  • رەسىملەر
    • دىئاگرامما
    • تۈركىستان مەنزىرلىرى
    • pds لاھىيە رەسىملىرى
    • ئۇيغۇرچە خەرىتىلەر
    • تەكلىماكان لاھىيىسى
    • قورال-ياراغ
  • باشقىلار
    • دۆلەتلەر
    • ئۇيغۇر تىلى
    • ساغلاملىق
    • ئۇيغۇر تائاملىرى
    • مەشھۇر شەخسلەر

كۆرۈپ بىقىڭx

ئابدۇقادىر داموللام

ئالتاي بۈركىتى «ئوسمان باتۇر»

مەھمۇد قەشقەرى