تەكلىماكان
تەكلىماكان
تەكلىماكان
تەكلىماكان
  • Home
  • Buy Now
Copyright 2021 - All Right Reserved
ئۆي سىياسىي ماقالىلەرھىدايەتنامە

ھىدايەتنامە

تەرىپىدىن تەكلىماكان 2020-09-19
Share 0FacebookTwitterPinterestThreadsBlueskyEmail
2.4K
قىزىقىشىڭىز مۇمكىن
  • العربية بين يديك 1- 4- قىسىم
    2020-09-16
  • تابىئىنلار ھاياتىدىن تاللانمىلار
    2020-09-19
  • ئىز
    2020-09-19
  • شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قانداق ئەزا بولىدۇ؟ ئۇكرائىنانىڭ ناتو قوشۇلۇشى قانچىلىك يېقىن؟
    2022-02-21
  • خىتاي بىلەن روسىيە نېمە ئۈچۈن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدۇ؟ «تەرجىمە ماقالە»
    2021-12-11
  • ھاماسنىڭ غەززەدىكى مەخپىي تونېل تورى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟
    2023-10-29

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

ئۆمۈر مەنزىلىدىن تىنماي ئىزلىدىم مەن ھەقىقەتنى،

تەپەككۇر بولدى بىر ھادى تېپىشتا چىن ھىدايەتنى،

تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنە يەنە جانلىق پاساھەتنى،

دىلىم ئىستەيتتى ئىزھارغا ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى.

كېلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى سۆھبەتنى.

–––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

سۆزۈمنىڭ باشى بىسىمىللاھ بۇ مۆمىنلىك ۋەزىپەمدۇر،

سانا يۇ ھەمدلەر ئېيتسام تۈمەن مىڭنى يەنە كەمدۇر ،

قۇرۇق، تۇزسىز ئىبادەتتىن ئەمەل ئەۋزەل ، ئەقىدەمدۇر،

 بۇ دەۋايىمغا بۇرھانىم مۇشۇ يازمىش قەسىدەمدۇر..

تىلەيمەن رەببىم ئاللادىن قولۇمغا كۈچ ۋە قۇۋۋەتنى ،

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

تەئەججۈپ ئەيلىشەر بەلكىم بىراۋلار بۇقەسىدەمدىن.

ئەجەبلەنمەس ئىدى ئىچسە ئەگەر بىر قەترە چەشمەمدىن.

ئېزىقتىم مەنمۇ بىر چاغلار ناگاھ تەۋرەپ ئەقىدەمدىن،

شۈكرىكىم رەھنامە تاپتى كۆڭۈل سۇلتانى تەۋبەمدىن.

ئىلاھا ئەيلىگىن مەڭگۈ ، ماڭا بۇ بەختۇ-ئامەتنى.

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

تۇغۇلغاچ ئىككى مۆمىندىن ئۆتۈپ ئەللىكتە سەككىز يىل،

يەكۈنلەش سائىتى يەتتى ئۆمۈرنى ئەمدى ئەستايىدىل.

نەزەر سالسام بېسىپ ئۆتكەن يولۇمغا بولمايىن غاپىل،

ئاقۇر كۆز ياشلىرىم گويا بولۇپ ئېرتىش ۋە ياكى نىل .

جاھاندا چەكمىگەي ھېچكىم مېنىڭدەك كۆپ نادامەتنى

–––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

سەھەردە ھەمدلەر ئېيتار ئۇچار قۇشلارمۇ ھەر دەمدە،

نېمىشقا بولمىسۇن بىر ھېس تىرىك پەرزەنتى ئادەمدە.

ۋھەالەنكى ئادا بولماي ھېسابسىز قەرز بۇ زىممەمدە، 

ھامان قاينايد ۇ ھەسرەتلىك پۇشايمانلار بۇ قەلبىمدە ، 

ئۆمۈرنى زايە قىلماڭلار ئېلىپ مەندىن بۇ ئىبرەتنى.

–––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

باھار يامغۇرلىرى ھەەرتاڭ يۇيار ھەم ياشنىتار تاغنى ،

ئېرىقلار بىرلە كەلگەن سۇمۇ ھەتتا گۈللىتەر باغنى .

مۇيەسسەر قىلسا مەقسىتىم مۇراتقا يولنى ئاچماقنى ،

ئېرىتسە ھېچ ئەجەپمەسكىم كۆزۈمنىڭ ياشلىرى داغنى .

ئاتا قىلسا ئىلاھىم خەزىنىسىدىن قەترە رەھمەتنى .

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

سىراتەل مۇستەقىم تاپماق ئەگەر بولسا نەسىبەمدە .

نادامەت داغلىرى قالماس ئىدى مەھزۇن بۇ سىينەمدە ،

ئۈمىدىم بىر بېقىپ ئىقبال كۈلۈپ تەلەي پېشانەمدە.

جاراڭلاپ كەتسە قەلبىمنىڭ ساداسى بۇ قەسىدەمدە .

نېسىپ ئەيلەپ ياراتقان زات ماڭا بەختۇ- سائادەتنى .

–––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

خىيالىم دېڭىزى تىنماي چايقىلىپ ھەمىشە قايناق،

كېچىلەر ئاز يۇمۇپ كۆزنى ۋە گاھى تاڭغىچە ئويغاق.

قۇلۇم يەتمەيدىغان شاخقا ئېسىلدىم شۇنچىلىك مۇشتاق ،

ئىلاھىم ئۆزى يار بولغاي ئۈمىدىمگە يەنە جىقراق .

ئاسان ئەيلەپ بۇ مەنزىلدە ماڭا ئۇچرار مۇشەققەتنى.

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

پىكىر دەرياسىگە قانچە تىرەن چۆمگەنسېرى ھەر تۈن ،

كۆڭۈلنىڭ كىرلىرى شۇنچە يۇيۇلدى ،تارقىدى ئەپسۇن .

ھاياتىم گەرچە پۇشمانلىق دىلىمدۇر ناتىۋان مەھزۇن ،

ۋە لېكىن جان كىتابىگە قوشۇلدى تۈمەن مىڭ مەزمۇن .

يېقىن كەلتۈرمە ئى رەببىم! كۆڭۈلگە ئەمدى غەپلەتنى .

–––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

تەپەككۇر كۆز بىلەن باقسا كىشى ئالەمگە بىر مەررە .

ئەمەستۇر خالى ھېكمەتتىن ۋە ھەتتاكى ھەسەل ھەرە.

ئادەمزات يۈكسىلىپ گەرچە ئاتومدىن تاپتى مول زەررە،

 ۋە لېكىن بىپايان سىر دېڭىزىدىن بۇ تېخى ئازغىنە قەترە .

ئىلاھا قىل كەرەم كۆپرەك بىلەيلى سىرۇ – ھېكمەتنى.

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

بىلىپ يەتكەنسېرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ،

كۆڭۈل روشەنلىشىپ ئاندىن تونار ئۆز زاتىنى خوپراق .

مىسال:قارىغۇ نېچۈك بىلسۇن ، قۇياش قانداغۇ ئاي قانداق،

بىلۇر ئەمما گۆدەك ھەتتا نىچۈكدۇر گۈل نېچۈك ياپراق .

دېمەككى مەرىپەتتىن جان تاپۇر ئەقلى -پاراسەتنى.

–––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

تۈمەن مىڭ يىل داۋامىدا ئۆتۈپ سانسىز ئاقىل – دانىش ،

 ھايات سىرىنى بىلمەكنى قىلىشتى ئارز ۇ ھەم خاھىش .

بىراۋلار قىلسىمۇ كۈچەپ خۇداسىزلىقنى پەرمايىش،

 ۋە لېكىن ئەكسىرى مۇتلەق ئېلىپ مەيداندا ئەزمايىش.

ئاخىرى ئېتىراپ قىلدى ئۇلۇغ بىر روھى قۇدرەتنى .

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

مىسال: قبىرەرىدىن ئادەم بىنا بولغاننى ئويلاپ باق ،

ئانا قارنىدا بۇ جايغا ھاۋا بولغاننى ئويلاپ باق .

تۇغۇلماق سائىتى يەتسە ئانا بولغاننى ئويلاپ باق ،

بۇ مۈشكۈلگە نە قانۇن پانا بولغاننى ئويلاپ باق .

شۇ چاغدا تاپقۇسى قەلبىڭ بىرەر مەنتىقى-پىكرەتنى.

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

بۈگۈن پەن يۈكسىلىپ شۇنچە قىلۇر پەرۋازىنى ئەركىن ،

ۋە ھەتتا ئاي ۋە يۇلتۇزدا يەر ئوغلى ياتقۇسى يالقىن .

بۇڭا ئەۋلادى ئادەمزات ئۇقۇر مىڭ مەدھىيە تەلقىن ،

لېكىن ئادەم بىنا قىلماق بۇ ئادەمگە نېچۈك مۇمكىن .

ياراتقان تەڭرىدىن باشقا كىشى تاپماس بۇ قۇدرەتنى .

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

نېمىشقا ئاياغ ئىككى،كۆز ئىككى ،ئېغىز بىردۇر،

يەنە كۆزلەرگە قاش كىرپىك بىنا قىلغان قايسى تەھرىردۇر .

نېمىشقا مىڭ كىشى چىەرى يەنە مىڭ خىلدا تەسۋىردۇر ،

 قېنى ئېيتىڭچۇ؟بۇ سىرغا نېچۈك سۆز توغرا تەبىردۇر .

تەپەككۇر ئاچقۇسى كەڭ يول چۈشەنمەككە بۇ سۈرەتنى.

–––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

ئۆلۈمنى ئويلىسا ھەر كىم بىلۇر ئۆز زاتىنى ئاندىن ،

تۇغۇلماق سوڭرە ئۆلمەكلىك ئاياندۇر ھەممىگە ئايدىن .

لېكىن نەدە، قاچان، قانداق ئۈلۈشنى كىم بىلۇر ئالدىن ،

ئېچىلماس سىر بولۇپ كەلدى بۇ ماۋزۇ دەۋرى -دەۋراندىن .

ھەمىشە يىغسىم ۇ دۇنيا بۇ سىرغا ھەممە دىققەتنى .

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

ئۆلۈمگە بىر دەۋا ئىزدەپ جاھاندىن كەتتى كۆپ دەنا،

ۋە لېكىن تاپمىدى ھېچكىم بۇ ئىشتىن زەررىچە مەنە .

ئارىستو ياكى لوقماندەك ھەكىملەرمۇ بىمۇستەسنا ،

 دېيىشتى ئاخىرى مۇتلەق ئۇلۇغ قۇدرەتكە ئامەننا.

دېمەك مۆمىن ئەمەس بۇزماق بۇ قانۇنى زۆرۈرەتنى.

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار ساما سەيىر ئېتىپ ھەر كۈن ،

 مۇئەييەن يول ۋە تەرتىپتە خاتاسىز دەۋر ئېتەر ھەر كۈن .

بۇڭا ھاكىم ئىكەن مۇتلەق ئەجەب بىر مۇنتىزىم قانۇن ،

  بۇ چەكسىز كائىنات تاپمىش ئاشۇ خىلدا تولا مەزمۇن .

يورۇپ نۇرلانغۇسى قەلبىڭ چۈشەنگەنچە بۇ ھالەتنى .

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

ۋە بەلكى بەزىلەر ئېيتار تۈزەلمەكلىك تەبىئەتتۇر ، 

ۋەھالەنكى تەبىئەت ھەم ئەجەب بىر خىلدا ھاياتتۇر.

بۇ ئالەم سىرلىرى بىزگە ھۇنۇن بىر ياخشى ئىبرەتتۇر،

شېغىل تاش ھەر زامان تاشتۇر ،زۇمرەتلەر -زۇمرەتتۇر.

تەپەككۇر تاشقىنى يۇتسۇن كۆرەڭ باتىل -جاھالەتنى .

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

مىسال :پەن -ھۈنەر ئەسىرى قۇرۇپ ھېكمەت دۇكىنىنى،

 ياراتتى ئىپتىخارلىق بۇمۇ ئىجازەتلەر زامانىنى .

يەنە ھەم ئاشقۇسى كۆپلەپ بۈيۈك ھىممەت داۋىنىنى ،

 لېكىن ئادەم تۈگۈل ھەتتا ئۇنىڭ بىر قەترە قانىتى .

ياسالماس ھەر نېچۈك ئالىم قىلىپ تەقلىد بۇ قۇدرەتنى .

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

ھاياتلىق سىرىغا تەكرار تۇخۇمنى كەلتۈرەي بۇرھان ،

 توخۇسىز ئالۇر ھەر كىم تۇخۇمدىن چۈجىنى ئاسان .

ئەگەرچە يەنە مىڭ ھەسسە تەرەققىي قىلسىمۇ دەۋران ،

تۇخۇمنىڭ ئۆزىنى لېكىن ياسالماس بەلكى بۇ ئىنسان .

دېمەك مەخلۇق ھامان مەخلۇق بىلۇر خالىقلا خەلقەتنى .

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

نەزەر سالساق ئەگەر بۇغداي ۋە ياكى باشقا بىر دانغا ،

تېرىپ ئۆستۈرمىسە دېھقان ھوسۇل تولمايدۇ خامانغا .

ئەگەرچە دان ياساش مۇمكىن بولۇپ قالسىدى ئىنسانغا ،

زاۋۇتلاردا ياساپ ھەر كۈن پۇلى توختايتتى ئەرزانغا .

دېمەك مەخلۇق ئەمەس قادىر ياراتماققا تەبىئەتنى .

–––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

ھاياتلىق سىرلىرى شۇنداق ئاجايىپ كەڭرى دۇنيادۇر ،

بىلىپ يەتكىنىمىز تامچە ،ئەگەر ئۇ بەھرى دەريادۇر .

كىمكى مەۋجۇدات زاتەن ئۇلۇغ ھېكمەتلەر ئەھيادۇر،

 كى تۇپراق بولمىدى كىمىيا مەگەر بولسا ئۇ خۇليادۇر .

ھايات قانۇنى ھەردەمدە قىلۇر تەكرار بۇ ئىبرەتنى.

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

مىسالنى يەنە يۈز-يۈزلەپ تېپىش مۈشكۈل ئەمەس ھەرئان

ۋە لېكىن ھەممىدىن ئەلا ئۇلۇغ مۆجىزە دۇر قۇرئان .

خۇسۇسەن بولسا تەپسىرى ” سۈرە رەھمان.”

كۇپايە قىلمىسا كاشكى ئاشۇنچە ” ما تۇكەززىبان.”

 قۇلۇپلۇق بولمىسا قەلبىڭ قوبۇل ئەيلەر بۇ نىمەتنى.

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

تۇلۇق ئون تۆت ئەسىر ئۆتتى نەقىشلەر بولمىدى سادىر،

 نېمىكى دېسە قۇرئاندا بۈگۈن دۇنيادا شۇ زاھىر .

بۇنىڭدەك مۆجىزە ئىشىگە نېچۈك مەخلۇق بولۇر قادىر ،

ئۇنىڭ تەرىپىگە سۆزنى تاپۇر قايدىن ئەدىب ،شائىر .

نېسىپ قىلمايدىكەن تەڭرى ئەگەرتىلغا بالاغەتنى .

–––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

ئۆتۈپ بىر مىڭدا تۆت يۈز يىل ەاۋادىسىلەر بىلەن بىر-بىر، 

بىرەر ئىش قالمىدى شەكلەن ۋە مەنەن بولمىغاي تەغيىر .

بىراۋلار قەست بىلەن قۇرئان قۇرئان بېتى قىلسىمۇ تەھرىر ،

 لېكىن ئۆزگەرمىدى بىر ھەرپ،بىرەر ساكىن ياكى زىر.

چۈشەنمەك نە مۈشكۈلدۇر بۇ مۆجىزە – كارامەتنى

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

پۈتۈن ئۆمرىدە يا مەكتەپ يا ئۇستاز كۆرمىگەن بىر زات ، 

ئوقۇپ بىر كۈن ” ئىقرە بىسمى رەببىكەللەزى “نى ھايات .

تېپىپ قۇددۇسى قۇدرەتنىڭ ئۇلۇغ ئەنۋارىدىن ئىرشات ، 

نەبۇۋەت ئەسىرىنىڭ شانلىق تۇغىنى ئەيلىسە بۇ نىيات .

نىچۈكمۇ ئېتىراپ قىلماس ئەقىل مۇنداق ھەقىقەتنى .

–––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

ئۇقۇپ كۆرسەك بۇتارىخنى ئەجەب بىر ئەسرى ھېكمەتتۇر،

 مۇبارەك تەرجىمىھالى تامامىي پەزلى -خىسلەتتۇر.

رەقىبلەر ئېتىراپىمۇ بۇڭا ئەلۋەتتە ھۆججەتتۇر ،

 بۇ زاتنىڭ ئىسمى شەرىپى رەسۇل ئەكرەم مۇھەممەدتۇر .

ياراتتى مەڭگۈ ئۆلمەس بىر ئۇلۇغ ئەسىرى سائادەتنى.

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

نەبۇۋەت تاڭى ئاتماستا ئەرەپنىڭ ھالىنى ئەسلەڭ،

 جاھالەت دەستىدىن ئەلنىڭ ئايانچ ئەھۋالىنى ئەسلەڭ .

زالالەت ھەم رەزىللىكنىڭ ياۋۇز ئىمسالىنى ئەسلەڭ ،

 مىسال :بىر قىز تۇغۇلسا گەر زەبۇن ئىقبالىنى ئەسلەڭ . 

يىمىردى نەبۇۋۋەتلا ئەرەپتىن بارچە زۇلمەتنى .

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

ۋەھىنى بەزىلەر ئىلھام دېيىشتى بىر زامان ھۆكمەن،

 ۋەھالەنكى ئۇلۇغ قۇرئان ئەمەستۇر قىسسە يا رومان .

ئۇنى ئىلھام بىلەن ئىجاد قىلىشقا بولسا گەر ئىمكان ، 

نېمىشقا يازمىدى بىر كىم يەنە ئىككىنچى بىر قۇرئان .

نىچۈكمۇ ئېتىراپ قىلماس كىشى مۇنداق ھەقىقەتنى .

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

بىراۋلار قىلدىلەر دەۋا، نەبىلىك ئۈستىدە ھەتتا،

 تېپىپ مىڭ ھېلە -نەيرەڭلەر، ئۆزىنى كۆرسىتىپ تەقۋا.

يېزىپ ئايەتكە تەقلىدلەر،ۋە ھەتتا قىلسىمۇ غەۋغا.

جاھاندىن كەتتىلەر لېكىن، بولۇپ ئالەمگە مىڭ رەسۋا.

تاپالماس چۈنكى باتىللىق، ھەقىقىي شانۇ-شۆھرەتنى.

–––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

بۇلارنىڭ ھەممىسى جانلىق ئۇلۇق مۆجىزە ئەلۋەتتە، 

يەنە قانداق دەلىل لازىم بايان قىلماققا بۇ ھەقتە.

ئەقىل ساھىبلىرى جاندىن ئۆتەر تەستىق، قانائەتتە، 

ئەگەرچە ياق دېسە بەزى مۇخالىپلار جاھالەتتە.

ئۆزىگە رەھنامە قىلسۇن ئادىل ، مەردانە پىكرەتنى.

–––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

خاتىمە

بايان قىلغانلىرىم گەرچە دېڭىزدىن تامچىدۇر ئەمما،

 نامايەندۇر قۇياش ئەكسى بىر تامچە سۇدىمۇ ھەەتتا.

قەسىدەم ئەلگە يەتكۈزسە ھېدايەتتىن بىرەر مەنە،

 مۇكاپات شۇ ئىدى مەنچۈن، ئەمەسمەن ئۆزگىگە تەشنا.

كۆچەتنى تىككۈچى مەيلى كۆرەلمەي ئۆتسە راھەتنى.

–––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

ئەقىدەم ھەققە باغلانغان، بۇ يولدا ئەتىمادىم بار،

  شۈكرىكىم، ھەق ئاتا قىلغان ئىرادە، ئېتىقادىم بار.

ئەقىدە ساھىبى بولغاچ دىلىمدا پەخرۇ -يادىم بار،

 دېمەيمەن مۇنچە گۇستاھلىق،قىلىشقا نېمە ھەددىم بار.

پىسەنت قىلماس كۆڭۈل چۈنكى قۇرۇق تەنە -مالامەتنى.

––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان، 

مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر، ۋە ھەتتا ئەركى چىڭگىزخان.

كېلىپ -كەتمەك بىلەن مەشغۇل، جاھانغا بىھېساب كارۋان، 

ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت خەلقلا سۈرەر دەۋران.

ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم ناھايەت ش ۇ ھەقىقەتنى.

قىزىقىشىڭىز مۇمكىن
  • العربية بين يديك 1- 4- قىسىم
    2020-09-16
  • تابىئىنلار ھاياتىدىن تاللانمىلار
    2020-09-19
  • ئىز
    2020-09-19
  • شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قانداق ئەزا بولىدۇ؟ ئۇكرائىنانىڭ ناتو قوشۇلۇشى قانچىلىك يېقىن؟
    2022-02-21
  • خىتاي بىلەن روسىيە نېمە ئۈچۈن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدۇ؟ «تەرجىمە ماقالە»
    2021-12-11
  • ھاماسنىڭ غەززەدىكى مەخپىي تونېل تورى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟
    2023-10-29
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرشەرقىي تۈركىستانھىدايەتنامە
Share 0 FacebookTwitterPinterestThreadsBlueskyEmail

باھا يېزىڭ جاۋابنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش

ئالدىنقى يازما
ئىز
كېيىنكى يازما
ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» دىن...

📌 خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى

ھاماسنىڭ غەززەدىكى مەخپىي تونېل تورى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

تەھلىل | خىتاينىڭ ئىقتىسادى غەرب مۆلچەرلىگەندەك ئۇنچىۋالا كۈچلۈك...

روسىيە ئېغىر خاتالىقىدىن ساۋاق ئېلىپ تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ

تىز ياردەم بىرىش قىسمى بىلەن سۇدان ئارمىيىسى ئوتتۇرسىدىكى...

ئامېرىكىدا ئاشكارىلانغان «ئەڭ مەخپىي» ئاخبارات ئۇچۇرلىرى نېملەرنى ئۆز...

فىلىملەر

  • ئەبۇ ئۇبەيدە كىم؟ «يېڭى فىلىم»

    2023-11-15
  • خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىنى قانداق چۈشۈنىش كېرەك؟ (يېڭى فىلىم)

    2023-10-20
  • خىتاي تەھدىتى ئاسىيادىكى مۇداپىئە سىياسىتىنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟

    2023-08-06
  • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن» 2023-07-09

    2023-07-09
  • خىتاي, ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە قالدۇرغان «كۈچ بوشلۇقى» نى تولدۇرماقچىمۇ؟

    2023-07-08

يازما ئەسەرلەر

  • خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى

    2023-12-21
  • ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

    2023-12-09
  • ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» دىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

    2023-12-07
  • 📌 خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى

    2023-11-30
  • ھاماسنىڭ غەززەدىكى مەخپىي تونېل تورى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

    2023-10-29

ئاۋات تېمىلار

  • 1

    ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» دىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

    2023-12-07
  • 2

    📌 خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى

    2023-11-30
  • 3

    خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى

    2023-12-21
  • 4

    ئىسرائىلىيە قىسىملىرى جەنىن پاناھلانغۇچىلار لاگېرى بىلەن  ئۈچ  دوختۇرخانىنى قورشاۋغا ئالدى

    2023-11-30
  • 5

    ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

    2023-12-09

Footer - تەكلىماكان تەشۋىقات

تەكلىماكان تەشۋىقات لوگوسى

تەكلىماكان تەشۋىقات - ئۇنۋىرسال چوڭ توربىكەت. فىلىم، خەۋەر، ئىقتىساد، ماقالە ۋە رەسىملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تېز ئۇلانمىلار

  • باش بەت
  • ھەققىمىزدا
  • فىلىملەر
  • خەۋەرلەر
  • ئالاقىلىشىش

بۆلەكلەر

  • خەلىقئارا خەۋەر
  • ئىقتىسادى كۆزنەك
  • ماقالە
  • رەسىم
  • ۋىدېئو

ئالاقە

  • [email protected]

© 2023 تەكلىماكان تەشۋىقات. ھەققى مۇھاپىزەت قىلىنغان.

تەكلىماكان
  • باشبەت
  • فىلىملەر
    • كۈندىلىك خەۋەر
    • تارىخى فىلىم
    • بالىلار فىلىملىرى
    • سىياسىي فىلىم
    • تەبىئەت دۇنياسى
    • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن»
  • خەلقئارا خەۋەرلەر
    • ياۋروپا
    • ئاسىيا
    • چاقماق خەۋەر
    • ئوتتۇر شەرىق
    • ئىقتىسادى كۆزنەك
  • ماقالىلەر
    • دىننى ۋە تارىخى كىتابلار
    • بالىلار ئۈچۈن ئوقۇشلۇقى
    • سىياسىي ماقالىلەر
    • شېئىرلار
    • ئۈزۈندىلەر
    • ئۇيغۇر تىبابىتى
  • ئەسكىرىي يوللانمىلار
    • قورال ياراغلارنىڭ مەلۇماتلىرى
    • تارىختا ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ئۇرۇشلار
    • قسىقا ئەسكىري بىلىملەر
    • قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى
    • ھاۋا ئارمىيىسى
    • دېڭىز ئارمىيىسى
    • ئەسكىرى يېڭىلىقلار
  • ئاۋازلىق كىتاب
    • قۇرئان كەرىم «ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق تەرجىمىسى»
    • قىرائەت
      • ئەيمەن سۇۋەيدى
      • مۇھەممەد كوردى
      • ھانى ئەر رىفائى
    • شىرىن بۇلاق
    • تۆت خەلىپە
    • قۇتادغۇبىلىك
  • رەسىملەر
    • دىئاگرامما
    • تۈركىستان مەنزىرلىرى
    • pds لاھىيە رەسىملىرى
    • ئۇيغۇرچە خەرىتىلەر
    • تەكلىماكان لاھىيىسى
    • قورال-ياراغ
  • باشقىلار
    • دۆلەتلەر
    • ئۇيغۇر تىلى
    • ساغلاملىق
    • ئۇيغۇر تائاملىرى
    • مەشھۇر شەخسلەر

كۆرۈپ بىقىڭx

سانلارنى تۇتاشتۇرۇش ئويۇنى

رەڭلەرنى ئۆگىنىش

چىش ئاسراش