ھەممىمىز بىلىمىز، ئەتىگەندە قوپۇپ بىر ئىستاكان سۈزۈك سۇ ئىچكەندە ئاشقازان ئۈچەيلەرنى تازىلىغىلى بولىدۇ، شۆلگەي تەركىبىدىكى ھەزىم قىلىش ئېنزىمى ئاشقازان ئۈچەيلەرگە كىرىپ ئوزۇقلۇقلارنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەر كۈنى سەھەردە بىر ئىستاكان ساپ سۇ ئىچىش ساغلام بولغان تۇرمۇش ئادىتى، قارىماققا ئاددىي كۆرۈنگەن بۇ خىل ئادەتنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زور پايدىسى بار.
ئۇنداقتا ئاۋۋال چىشنى چوتكىلاپ ئاندىن سۇ ئىچىش كېرەكمۇ ياكى سۇ ئىچىپ بولۇپ ئاندىن چىش چوتكىلاش كېرەكمۇ؟
«ئەتىگەندە ئاچ قورساققا سۇ ئىچىش، كەچ بولغاندا تالغان پۇتنى سۇغا چىلاش» دېگەن گەپ بار. بىر قېتىملىق كەچلىك ئۇيقۇ سەۋەبىدىن ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇشتا كۆپ مىقداردا سۇ خورايدۇ، شۇنداق ۋاقىتتا بىر ئىستاكان سۇ ئىچسە كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش بىلەن بىرگە قان قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلەتكىلى، مەلۇم دەرىجىدە يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
كەچتە ئۇخلىغان چاغدا ئادەم بەدىنىدىكى شۆلگەينىڭ ئاجرىلىش مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ، ئوكسىگېندىن قاچقۇچى باكتېرىيىنىڭ سانى كۆپىيىدۇ، ئۇنىڭسىزمۇ چىشنىڭ ئۈستىدىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرى كالتسىي تۇزى بىلەن بىرلىشىپ باكتېرىيىگە ئايلىنىدۇ.
ئەگەر ئورنىدىن تۇرۇپلا سۇ ئىچسە ئېغىز بوشلۇقىدىكى ساغلام بولمىغان مەينەت ماددىلارنى ئاشقازانغا يەتكۈزۈپ قويىدۇ.
بەزىلەر ئەتىگەن قوپۇپ ئاۋۋال چىشنى چوتكىلاپ ئاندىن سۇ ئىچكەندە شۆلگەي تەركىبىدىكى ھەزىم قىلىش ئېنزىمىنى يوقىتىۋېتىش مۇمكىن دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراشلار ئارتۇقچە، چۈنكى بايا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئادەم ئۇخلىغان ۋاقىتتا شۆلگەيلەرنىڭ ئاجرىلىش مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن شۆلگەي تەركىبىدىكى ھەزىم قىلىش ئېنزىممۇ تەڭ نىسبەتتە تۆۋەنلەپ بارىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەگەر بىز يېمەكلىك يېمىسەك ھەزىم قىلىش ئېنزىمىمۇ خىزمەت ھالىتىدە تۇرمايدۇ. چىش چوتكىلاشنىڭ ھەزىم قىلىش ئېنزىمىغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن تۆۋەن، شۇڭا بۇ مەسىلىنى ئويلاشمىساقمۇ بولىدۇ.