تۈنۈگۈن ، ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى باغلان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى پۇلخۇمرى ۋىلايىتىنىڭ كاپاراك رايونىدىكى كابۇل ھۆكۈمەت ئارمىيىسى قىسىملىرىغا تەۋە MD-530 تىپلىق ھەربىي تىكئۇچارى تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتتى.
![](http://taklimakan.biz/wp-content/uploads/2020/09/chopper-crash-baghlan.jpg)
كابۇل ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا ، چۈشۈپ كەتكەن تىكئۇچاردا ئىككى ئۇچقۇچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خاتىرىلەنگەن.
مىنىستىرلىق ئېلان قىلغان باياناتتا ، تىكئۇچار چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ MD-530 تىپلىق تىكئۇچارلارنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرەپتىن كابۇل ھۆكۈمەت ھاۋا ئارمىيىسىگە ئىئانە قىلغان ئىكەن.
2020-09-25
مەنبە: Mepa News