گۇرۇپپا(ۋېزۋود)-بولسا پىيادە قىسىم ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسىي جەڭ قىلىش تارمىقى ھېسابلىنىدۇ، يەنى پىيادە قىسىمنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسىدىكى ئەڭ كىچىك بىرلىك ھېسابلىنىدۇ، ئادەتتە 3 ياكى 4 جەڭ قىلغۇچى كىچىك گۇرۇپتىن(نورمالدا 4 ئادەم بىر جەڭ قىلغۇچى كىچىك گۇرۇپ بولىدۇ) تۈزىلىدۇ.گۇرۇپپا مەسئۇلىنىڭ يېتەكچىلىكىدە جەڭ ياكى لاۋازىمات خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. ئادەتتە ھەر بىر گۇرۇپپىغا يىنىك تىپتىكى پىلىميوت، ئاپتومات، تاپانچا پىلىميوت ياكى تاپانچا، مۈرىلىك بومبا ئاتار، گىرانات قاتارلىقلار سەپلەنگەن بولىدۇ. ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشىدىن كېيىن ئەسكىرى ئۇقۇملار ۋە قورال-ياراغ،ئەسلىھەلەرنىڭ تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ پىيادە قىسىم گۇرۇپپىسىنىڭ تۈزۈلىشى ۋە ئەسلىھەلىرىدە خېلى چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئاساسلىق تەرەقىيات يۆلىنىشى تۆۋەندىكىچە:
1. ئوت كۈچى كۈچلەندۈرۈلگەن، ھازىرقى زامان پىيادە قىسىم گۇرۇپپىلىرىدا تېخىمۇ زور، ئۇزۇن داۋاملىشالايدىغان ئوت كۈچى بەرپا قىلىنغان بولۇپ، ۋەيران قىلىش. تانكىغا قارشى تۇرۇش ھەمدە ھاۋا مۇداپىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلگىرلەشلەر بولغان.
2. ئالاقىلىشىش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا ئارمىيەسى ھەر پەيگە بىر دانە سىمسىز ئالاقىلىشىش ئۈسكىنىسى سەپلەپ بېرەلىگەن، لېكىن ھازىرقى پىيادە قىسىملاردا ھەربىر گۇرۇپپىغا ھەتتاكى ھەر بىر شەخىسكە بىر دانە سىمسىز ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىسى سەپلەپ بېرىلگەن.ھەتتاكى بەزى دۆلەت ئارمىيەلىرىدە ھەر بىر شەخىسكىچە سۈنئى ھەمراھ ئارقىلىق ئالاقىلىشىش ئۈسكىنىسى سەپلەنگەن بولۇپ، ئالاقىلىشىش ئۈزۈلۈپ قېلىش ھەمدە يولدىن ئېزىپ قېلىش قاتارلىق قىيىن ئەھۋاللار يەڭگىللەشتۈرۈلگەن.
3. قوغدۇنۇش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ھەر بىر يەككە شەخىسلەرنىڭ قوغدۇنۇش ئەسلىھەلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇلغاندىن سىرت، ھەربىر جەڭ قىلغۇچى گۇرۇپپىغا ئوق ئۆتمەس ماشىنا، ئەسكەر توشۇغۇچى بىرونىۋىك قاتارلىقلار سەپلىنىپ قوغدىنىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ كۆتۈرگەن.
4.ھەركەتچانلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ھازىرقى زامان پىيادە قىسىم گۇرۇپپىلىرى ئاپتىموبىل، بىرونىۋىك، جەڭ ئاپتىموبىللىرى قاتارلىق قۇرۇقلۇقتا ھەركەت ئېلىپ بارىدىغان قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ياردىمىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، ئەسكىرى تىكئۇچارلار، يەرشەكلىنىڭ چەكلىمىسىگە كۆپ ئۇچۇرمايدىغان مەخسۇس ئاپتىموبىللار سەپلەنگەن.
5.ئادەم سانى ئازايتىلغان، ئىنكاس قايتۇرۇشۇس ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئارقا سەپ تەمىنات يۈكىنى يەڭگىللىتىش ھەمدە بىرونىۋىكلارغا ماسلىشىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، ھەمدە يېڭى ئەسكىرى تېخنىكىلارنى پىيادە قىسىملارغا سەپلەش شەرتى، ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەر پىيادە قىسىم گۇرۇپپىلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى تۆۋەنلىتىۋەتمىگەن ئاساستا پىيادە قىسىم گۇرۇپپىلىرىدىكى ئەسكەر سانىنى ئازلاتقان. ھازىر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پىيادە قىسىم گۇرپىلىرىدىكى ئەسكەر سانى 12~7 ئەتراپىدا بولغان.
2020-09-30
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى