ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان رۇسىيەدىن كۈتكەن قوللاشنى تاپالمىدى. روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئاخىرقى بايانلىرى ئەرمېنىيىنىڭ «بېشىغا سۇغۇق سۇ قۇيغاندەك» تەسىرىنى پەيدا قىلدى. پۇتىن رۇسىيەنىڭ ئەرمىنىيەنى قوغداش مەجبۇرىيىتى يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ ، «ئەزەربەيجان بىلەن ئۇرۇش ئەرمېنىيە زېمىنىدا يۈز بەرمەيۋاتىدۇ» دېدى.
پۇتىن مۇراجىئەتنامىسىدە ئەرمىنىيە ۋە ئەزەربەيجاننى «ئۇرۇش توختىتىش» قا چاقىردى، ئۇ ئەرمېنىيە ئىشغال قىلغان ناگورنو-قاراباغدىكى ۋەقەلەرنى «پاجىئە» دەپ تەسۋىرلىدى.
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان ئالدىنقى كۈنلەردە پۇتىنغا تېلېفون قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلغان. پۇتىن بولسا ئۇنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويدىغان جاۋاپ بەرگەن.
9-ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋەرلەردە روسىيىنىڭ ئىراننىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن پايدىلىنىپ An-124 تىرانسىپورت ئايروپىلانى بىلەن ئەرمىنىيەگە ورال ئېلىپ بارغانلىقى تارقالغان ئىدى.
2020-10-07
مەنبە: yenisafak