تۈرۈك قىبرىس 46 يىل زىيارەت قىلىنمىغان ۋە ئەرۋاھ شەھەرچىسىگە ئايلانغان ماراش ئارىلىنىڭ قىرغاقلىرىنى قايتىدىن ئېچىۋاتىدۇ.
ھەپتە بېشىدا پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كۆرۈشكەن قىبرىس باش مىنىستىرى ئېرسىن تاتا مۇنداق دېدى: «بىز زېمىنىمىزدىكى خەلققە تەۋە بولغان دېڭىز بويى رايونىنى خەلقىمىزنىڭ مەنپەئەتىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن خىزمىتىمىزنى باشلاۋاتىمىز. پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە خەلقىمىزنى ماراش دېڭىز قىرغىقىدىن مەنپەئەتلىنىشىگە ئاچىمىز»
ئەردوغان ماراشنىڭ ئېچىلىشىدا تۈركىيەنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن قۇللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ماراش ئارىلى بولسا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىللەرنىڭ بىرىدۇر»
ماراش ئارىلى ، تۈركىيەنىڭ 1974-يىلىدىكى تىنىچلىق ھەركىتىدىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كونترول ئاستىدىكى يېشىل لىنىيىگە جايلاشقان. قانداقلا بولمىسۇن ، تۈركىيەنىڭ ھەربىي رايونى ئېلان قىلغان قىلغان ماراش ئارىلى، يېشىل لىنىيىدە بولسىمۇ ب د ت كونتروللۇقىدا بولمىغان ئىككى رايوندىن بىرىدۇر.
1974-يىلدىن ئىلگىرى گرېتسىيە نوپۇسى كۆپ ئولتۇراقلاشقان بۇ رايون قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولغان مۈلۈك ھوقۇقى ماجىراسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.
روسىيە: ۋاروشانى ئېچىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ
روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا ، سىپرۇستا 46 يىل پۇقرالارنىڭ ئىشلىتىشىگە تاقالغان ۋاروشانىڭ ئېچىۋېتىلىشىنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
باياناتتا يەنە ب د ت نىڭ ئىلگىرىكى قارارىغا خىلاپلىق قىلغان بۇنداق بىر تەرەپلىمە قەدەملەرنىڭ سىپرۇس مەسىلىسىدىكى سۆھبەت مۇساپىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە «يېڭى خىرىس» ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
موسكۋانىڭ ب د ت نىڭ سىپرۇس مەسىلىسىدە چىقارغان قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن باياناتتا ، سۆھبەتنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
گرېتسىيە ، تۈركىيە تۈرۈك قىبرىسنىڭ ماراش ئارلىرىنىڭ ئېچىش قارارىدىن چېكىنىشكە چاقىردى.
گرېتسىيە ، تۈركىيە تۈرۈك قىبرىسنىڭ ماراش ئارلىرىنىڭ ئېچىش قارارىدىن چېكىنىشكە چاقىردى. گرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ستېلىيوس پېتتاس كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا بۇ «مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز» دەپ تەھدىد سالغان.
گرېتسىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى گرېتسىيەنىڭ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئىككى تەرەپ ئۈستىدە ئىزدىنىش سۆھبىتىنى باشلاشنى خالايدىغانلىقىنى ، ئەمما «سىپرۇسنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە يول قويمايدىغانلىقىنى» كۆرسەتتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى يۇقىرى ۋەكىلى جوسېپ بوررېلمۇ ماراش ئارىلىنى ئېچىش قارارىغا ئىنكاس قايتۇردى ، ئۇ تۈنۈگۈنكى باياناتىدا تۈركىيەنى «قىبرىس تۈركلىرى بىلەن گىرىك قىبرىس ئارىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىۋەتتى» دەپ ئەيىبلىدى.
مەنبە: Mepa News / BBCTURUK
2020-10-09