![](http://taklimakan.biz/wp-content/uploads/2020/10/700817.jpg)
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ساۋ لىچېن ئامېرىكىنىڭ روسىيە ۋە خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سايلىنىشىنى تەنقىد قىلغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇردى.
باياناتچى ساۋ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىققانلىقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن بىزنى ئەيىپلەش ھەققى يوق» دېدى.
ساۋ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مايك پومپېيونىڭ خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سايلىنىشىنى تەنقىد قىلغانلىقىغا قارىتا مۇنداق دېدى: «خىتاي ئامېرىكىنى «سىياسىي ۋىرۇس »تارقىتىشنى توختىتىشقا چاقىرىدۇ» دېگەن ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللاندى.
ساۋ ئامېرىكىنى ئىرقچىلىق بىلەن ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا تىرىشىشى كېرەك ؛ يەنى ئىرقچىلىق ۋە ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىنى يوقىتىشى كېرەك. ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشى كېرەك».
![](http://taklimakan.biz/wp-content/uploads/2020/09/ھھ-1024x683.jpg)
پومپېيو كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغان دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سايلىنىشىنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ب د ت ئورگىنىنىڭ 47 كىشىلىك جەنۋەدە تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سايلانغان 15 يېڭى دۆلەت ئىچىدە ، كىشلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقان خىتاي ۋە روسىيە بار.
ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىدە بېلەت تاشلاشتا كېڭەشكە سايلانغان باشقا دۆلەتلەر ئىچىدە فرانسىيە ، ئەنگىلىيە ، پاكىستان ، ئۆزبېكىستان ، نېپال ، سېنېگال ، كوتېدىۋويرې ، مالاۋى ، گابون ، ئۇكرائىنا ، مېكسىكا ، بولىۋىيە ۋە كۇبا قاتارلىقلار بار.
تاللانغان يېڭى دۆلەتلەر 2021-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ كېڭەشتە 3 يىل خىزمەت قىلىدۇ.
2020-10-14
مەنبە: TRTHABAR / AA