ئالاقىچى قىسىمنىڭ كۆزدە تۇتىدىغىنى ئارمىيەنىڭ ئالاقىلىشىش خىزمەتلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئەسكەرلىك تۈرى ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە بىر دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ئارمىيە تۈرلىرىدە ئەسكىرى ئالاقە ئىشلىرىنى(military communications) بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئالاقىچى قىسىم تەئسىس قىلىنغان بولىدۇ. ئەسكىرى ئالاقە ۋاستىلىرى ئادەتتە تېلىگرامما، تېلىفون، سۈنئى ھەمراھ ئالاقىسى، دالا جەڭلىرى ئالاقە تورى، راتسىيە ۋە مېخاينىكىلاشقان ئالاقە ئۈسكىنىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئالاقىچى قىسىم بىرنەچچە تارماق ئەترەتلەردىن تەركىپ تاپىدىغان بولۇپ، ئۇلار بولسا ئالاقىچى ئەترەت، ئالاقە قۇرلۇشلىرى ئەترىتى، ئالاقىلىشىش تېخنىكىلىرى كاپالەتلەندۈرۈش گۇرۇپپىسى، سىمسىز ئالاقىلىشىشتا قارشىلىشىش گۇرۇپپىسى، ئاۋىئاتسىيە قىسىغا يول باشلاش ۋە پوچتا يەتكۈزۈش قاتارلىقلار.
جەڭ مەيدانىدىكى ئالاقە ئىشلىرى جەڭ تەرتىباتىنىڭ نورمال داۋاملىشىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئالاقىچى قىسىم ھەر تۈرلۈك ئالاقىلىشىش ئۈسكىنىسى ۋە ۋاستىلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق قوشۇننىڭ ئالاقىلىشىش ئىشلىرىنىڭ راۋان ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ ھەمدە دۈشمەن تەرەپ سىمسىز ئالاقىلىشىش ئىشلىرىنى دەخلە قىلىش ۋە تەشۋىش ئەۋەتىش ياكى دۈشمەن تەرەپنىڭ دەخلە قىلىشىدىن ساقلىنىش قاتارلىق ۋەزىپىلىرى ھەم بار. ئۇنىڭدىن سىرت ئاۋىئاتسىيە قىسىملىرىغا يول باشلاش ۋە دالىدا جەڭ قىلغۇچى قىسىملارغا پوچتا مۇلازىمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ھەم ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2020-10-25
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى