847
جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن ئەنقەرە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە، « ئەگە دېڭىزى» دا، ئىزمىرنىڭ سەفەرىھىسار ناھىيەسىنىڭ 17 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە 6.6 بال يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن.
بۇ يەر تەۋرەش 16.54 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن، قازا قىلغانلار سانى 25 كە، يارىلانغانلار سانى 804 كە يەتكەن.، شەھەر مىقياسىدا كۆپ ساندا بىنالارمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ، رايوندا خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا قالغانلارنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.
2020-10-31
مەنبە: TRTHABAR / Mepanews