914
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى روسىيە ۋە ئىراننىڭ قوللىشى بىلەن ئىدلىبتىكى پۇقرالار رايونلىرىنى داۋاملىق نىشان قىلماقتا.
يەرلىك مەنبەلەر تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ، تۈنۈگۈن ئىدلىب ۋىلايىتىىڭ ئەرىھا ئولتۇراق رايونى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ زەمبىرەك قىسىملىرى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنغان.
ئەرىھاغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 4 ياشلىق بىر قىز قازا قىلدى. ۋەيران بولغان ئۆينىڭ ئاستىدا قالغان بۇ بالا خەلق مۇداپىئە ئەترىتى تەرىپىدىن خارابىلىكتىن چىقىرىلدى.
رايوندىكى بومباردىمانلار داۋاملاشماقتا.
بۈگۈن ئەتىگەندە ، روسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدىكى جەبەلزاۋىيا رايۇنىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى.
ھۇجۇمدا تالاپەت ۋە يارلىنىش بولمىغان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ رايوندا ماددى زىيان بولغان.
2020-11-08
مەنبە: Mepa News