خىتاي دورا شىركىتى Sinavoc Biotech تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ۋۇخەن ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى بىرازىلىيىدىكى ئىنسانلار ئۈستىدە سىناق قىلىنغان بولۇپ، بۇ سىناقلار ۋاقىتلىق توختىتىلدى.
بىرازىلىيە سەھىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنى (Anvisa) نىڭ يازما باياناتىغا قارىغاندا ، «ئېغىر ناچار ھادىسە» سەۋەبىدىن ئادەم سىنىقىنى ۋاقتىنچە توختىتىش قارار قىلىنغان.
«ئېغىر ناچار ھادىسە» نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
«ئېغىر ناچار ھادىسە» دورا ياكى ۋاكسىنا ئىشلىتىشتە ئويلىمىغان ئەكىس تەسىر دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن.
باياناتتا، ئۆلۈم، مەڭگۈلۈك مېيىپ، بىمارنى دوختۇرخانىدا يېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ «ئېغىر ناچار ھادىسە» دەپ باھالانغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
CoronaVac نىڭ بىرازىلىيىدىكى ئىنسانلار ئۈستىدىكى تەجرىبىسى 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا بىرازىلىيىدە بىئولوگىيىلىك تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان بۇتانتان ئىنستىتۇتى بىلەن ھەمكارلىشىش بىلەن باشلانغان.
دۇنيادىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان بىرازىلىيەدە ، ھازىرغىچە 5 مىليون 675 مىڭ 32 ئادەمدە كۆرۈلگەن ۋىرۇس 162 مىڭ 628 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
2020-11-10
مەنبە: TRTHABAR / AA