ئىگىلىنىشچە ، روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ناگورنو-قاراباغ رايونىغا ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىشى داۋاملىشىۋاتقان ئىكەن.
روسىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم دائىرىسىدە، روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ناگورنو-قاراباغ رايونىغا ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى توشۇشى داۋاملاشماقتا.
ئىمزالانغان كېلىشىم دائىرىسىدە، ناگورنو-قاراباغ رايونىدىكى ئالاقىلىشىش لىنىيىسىگە «روسىيە تىنچلىق ساقلاش» قىسمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.
روسىيە رەھبىرى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا 10-نويابىردىن باشلاپ (تۈركىيە ۋاقتى) 00:00 دە باشلانغانلىقىنى ۋە بۇ رايوندا «روسىيە تىنچلىق ساقلاش» قىسمىنىڭ تۇردىغانلىقىنى بايان قىلدى.
روسىيەنىڭ دەسلەپتە ناگورنو-قاراباغ رايونىغا 1960 ئەسكەر، 90 برونېۋىك ۋە 380 ماشىنىدىن تەركىب تاپقان ھەربىي قىسىم ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، روسىيەنىڭ ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىشى تۈنۈگۈندىن باشلاپ ئۈزۈلمەي داۋاملاشتى.
روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ھەمبەھىرلىگەن سىن كۆرۈنىشىدە، ناگورنو-قاراباغقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى توشىغان ھەربىي يۈك ئايروپىلانلىرىنىڭ ئەرمېنىيەگە قونغانلىقى كۆرۈلدى.
2020-11-11
مەنبە: Mepa News