سەئۇدى ئەرەبىستان يۇقىرى ئۆلىمالار كېڭىشى قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى تېرورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتتى.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋە نوپۇزلۇق دىنىي تەشكىلاتى بولغان ھەييۇل كىبارۇل ئۇلىما (ئالىملار كېڭىشى) مىسىرنى ئاساس قىلغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى (ئىخۋان) تەشكىلاتىنى «تېرورلۇق تەشكىلاتى» دەپ بېكىتتى.
ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتتا قېرىنداشلار جەمئىيىتى ئۈستىدىن قىلىنغان ئېغىر ئەيىبلەشلەر بار بولۇپ، ئىخۋاننىڭ ئىسلام دىنىغا ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقى، ئىسلامنىڭ قىممەت قارىشىنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكى ۋە تېرورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بايانات:
“ئىخۋان مۇسلىممىن ئىسلام دىنىدىن يىراق ۋە ئىسلام دىنىغا ۋەكىللىك قىلمايدىغان تېرورلۇق تەشكىلاتى. ئۇ پارتىيەۋىلىك مەقسىتىگە ئاساسەن ئىسلامغا قارشى ھەرىكەت قىلىدۇ. ئىخۋان تېرورلۇق تەشكىلاتى دىننىڭ نامى ئاستىدا بۆلۈنۈش، پارچىلىنىش، قالايمىقانچىلىق، زوراۋانلىق ۋە تېرورلۇقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ تەشكىللىنىش تارىخى قالايمىقانچىلىق ۋە توپىلاڭ بىلەن تولغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىچىدىن رادىكال، ئاشقۇن تېرورلۇق گۇرۇپپىلىرى بارلىققا كەلگەن. ھەممە ئادەم بۇ تەشكىلاتقا دىققەت قىلىشى ، ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكى ۋە ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلماسلىقى كېرەك ».
قېرىنداشلار تەشكىلاتى بۇ باياناتقا ئىنكاس قايتۇردى.
1971-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە باش مۇپتى رەھبەرلىكىدىكى ھەييتۇل كىبارۇل ئۇلما ئەزالىرى خان جەمەتى تەيىنلەنگەن ، دۆلەتتىكى دىنىي كۆز قاراش ۋە ئورگانلارنى كونترول قىلىدىغان، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنىي مەسىلىلەردە كۆز قاراش ۋە پەتىۋا بېرىدىغان ئورگان.-
2020-11-11
مەنبە: Mepa News