ئەرمېنىيە 27-سېنتەبىر ناگورنو-قاراباغدا باشلانغان توقۇنۇشتا 2300 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئەرمېنىيە سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ئالىنا نىكوخوسياننىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، ئەرمېنىيە تەرەپ ھازىرغىچە 2317 جەسەتكە يەتكەن. نىكوگوسيان بۇ جەسەتلەرنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلىغىلى بولمايدىغانلارنى ھەم ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەھبۇسلار ۋە جەسەتلەرنى ئالماشتۇرۇش داۋاملاشماقتا
27-سېنتەبىر باشلانغان ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمىنىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا، ئەزەربەيجان 1990-يىللاردا ئەرمېنىيە ئىشغال قىلغان زېمىنىنى ئاساسەن قايتۇرۇۋالغان.
يۈز بەرگەن توقۇنۇش 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم بىلەن ئاخىرلاشتى ، ئەرمېنىيە تەرەپنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقى بايان قىلىندى.
2020-11-15
مەنبە: Mepa News