Home خەلقئارا خەۋەرلەرئاسىيائامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

by تەكلىماكان

تالىبان سىياسىي باشقارما ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا  ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مايك پومپېيو بىلەن تالىباننىڭ سىياسىي ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى موللا ئابدۇللانى بۇرادەر باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى كۆرۈشكەندە  ئافغانىستاندىكى ئەڭ يېڭى ۋەزىيەت ۋە تىنچلىق مۇساپىسى مۇزاكىرە قىلىدى.

تالىباننىڭ سىياسىي باياناتچىسى مۇھەممەد نايىمنىڭ باياناتىدا، قاتاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئافغانىستانلار ئارا سۆھبەت، قالغان مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جازالىرى مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بايان قىلىندى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو ئافغانىستان تىنچلىق كېلىشىمىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەرنى ماختىدى ۋە سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پومپېيو يەنە تالىبانلار بىلەن سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئافغانىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.

2020-11-22

مەنبە: Mepa News

Related Articles

Leave a Comment