تالىبان سىياسىي باشقارما ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مايك پومپېيو بىلەن تالىباننىڭ سىياسىي ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى موللا ئابدۇللانى بۇرادەر باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى كۆرۈشكەندە ئافغانىستاندىكى ئەڭ يېڭى ۋەزىيەت ۋە تىنچلىق مۇساپىسى مۇزاكىرە قىلىدى.
تالىباننىڭ سىياسىي باياناتچىسى مۇھەممەد نايىمنىڭ باياناتىدا، قاتاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئافغانىستانلار ئارا سۆھبەت، قالغان مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جازالىرى مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بايان قىلىندى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو ئافغانىستان تىنچلىق كېلىشىمىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەرنى ماختىدى ۋە سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
پومپېيو يەنە تالىبانلار بىلەن سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئافغانىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.
2020-11-22
مەنبە: Mepa News