
سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە قارار، بىر كىشىنىڭ رەت قىلىشى، 305 كىشىنىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىشى، 30 كىشىنىڭ ئاۋاز قاتناشتۇرۇشتىن يالتىيىشى نەتىجىسىدە ماقۇللاندى.
قاراردا، فىرانسىيەنىڭ ئەرمەنلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشى ۋە تاغلىق قاراباغدا يۈز بەرگەن «ئۇرۇش جىنايىتى» توغرىسىدا خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئەرمەنلەرنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداپ قېلىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراردا، تاغلىق قاراباغدىكى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلارنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىشىغا ياردەم قىلىش تەلەپ قىلىندى.
قاراردا يەنە، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «تاغلىق قاراباغ جۇمھۇرىيىتى» نى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىلدى.
فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسى ئاتالمىش «تاغلىق قاراباغ جۇمھۇرىيىتى» نى ئېتىراپ قىلىش قارارىنى ماقۇللىدى، ئەمما ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدە، تاغلىق قاراباغنىڭ سالاھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىرەر ماددا يوق.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، تاغلىق قاراباغنى ئەزەربەيجان زېمىنى دەپ قارايدۇ.
فىرانسىيە، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنسىكى گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تاغلىق قاراباغ توقۇنۇشىدا بىتەرەپلىكىنى يوقىتىپ، ئەرمېنىيەنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن تەنقىدلەنمەكتە.
2020-11-28
مەنبە: TRTHABAR / AA