شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ S-400 نى سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە قارىتا جازا قارارى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ستولتېنبېرگ قاراتاغ باش مىنىستىرى زىدراۋكو كرىۋوكاپىچ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن قىلغان باياناتىدا، بۇ قاراردىن بىئارام بولغانلىقنى دېيىش بىلەن بىرگە تەرەپلەرنى ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەشكە چاقىردى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىرىبىرىگە جازا يۈرگۈزىشىدىن بىئارملىقىنى بىلدۈرگەن ستولتېنبېرگ، بۇ سىستېمىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى سىستېمىسىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيەنىڭ ئىلگىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ۋەتەنپەرۋەر ناملىق ھاۋا مۇداپىئە سىستىمىسىنىڭ سۆھبىتى بولغانلىقنى بىلدۈرگەن ستولتېنبېرگ، بۇ خىل سىستېمىلار ئۈچۈن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
تۈنۈگۈن ئامېرىكىدا ئېلان قىلىنغان CAATS (ئامېرىكا جازا قارارى ئارقىلىق دۈشمەنلىككە تاقابىل تۇرۇش) قارار چىقىرىش دائىرىسىدە تۈركىيەگە جازا قارار قىلىندى.
2020-12-16
مەنبە: Mepa News