955
خىتاي ئىشلەپچىقارغان ۋۇخەن ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەندە تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
خىتاي سىنوۋاك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ۋاكسىنىنى ئېلىپ يۈرگەن ئايروپىلان بۈگۈن 05:30 ئەتراپىدا ئەنقەرەدىكى ئېسېنبوئا ئايرودرومىغا قوندى.
تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرېتتىن غوجا ئەتىگەندە خىتايدا ياسالغان ۋاكسىنىنىڭ ئېلىپ ماڭغان ئايروپىلاننىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە دورىگەرلىك ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئورگىنى ۋاكسىنا ئەملەشنى تەستىقلاش جەريانىغا 14 كۈن كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەستىققا ئېرىشسە، ۋاكسىنا ئەملەش باشلىنىدۇ. 4 باسقۇچتا ئېلىپ بېرىلىشى مۆلچەرلەنگەن ۋاكسىنا ئەملەشتە ، سەھىيە خادىملىرى ۋە 65 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر ئالدى بىلەن ۋاكسىنا ئەملىنىدۇ.
2020-12-30
مەنبە: Mepa News