ئاسىيائامېرىكاخەلقئارا خەۋەرلەر

تىرامپ خىتايغا ئېغىر زەربە بەردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ خۇاۋېي تەمىنلىگۈچىلەرنى چەكلەش بۇيرۇقىغا ئىمزا قويدى.

ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خۇاۋېي تەمىنلىگۈچىلەرگە ئەۋەتكەن ئۇقتۇرۇشىدا، خىتاي شىركىتىگە سېتىش ئىجازەتنامىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىنتېل قاتارلىق يەرشارى شىركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەمىنلىگۈچىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئۇقتۇرۇش خۇاۋېينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تېخنىكا ئىقتىدارىغا زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغان.

ئىگىلىنىشچە ، خۇاۋېينى تەمىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك يەنە نۇرغۇن ئىجازەتنامە بىكار قىلىنىدىكەن.

خىتاي 2016-يىلدىن بۇيان ترامپ ھۆكۈمىتى ئەڭ كۆپ رىقابەتلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى. تىرامپ گەرچە 20-يانۋار يېڭى پرېزىدېنت جو بايدىنغا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بولسىمۇ ، ئەمما خىتايغا قارشى ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇردى. ئىجازەتنامىنى بىكار قىلىش خۇاۋېينىڭ غەرب دۇنياسىدىكى ، بولۇپمۇ ئامېرىكىدىكى پائالىيىتىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ سىياسەتلەر بايدىن دەۋرىدە داۋاملىشامدۇ-يوق ، بۇ قىزىقارلىق مەسىلە.

2021-01-18

مەنبە: Mepa News

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button