871
مەنبە: TRTHABAR
دۈشەنبە؛ 2021-يىل 1-فېۋرال…….
دۆلەتلىك ئاخباراتقا قارشى تۇرۇش بىخەتەرلىك مەركىزىنىڭ سابىق باشلىقى ۋىليام ئېۋانىنا: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىكى% 80 كىشىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلىغان بولۇشى مۇمكىن» دېدى.
1-ئاينىڭ 20-كۈنى خىزمەت مۇددىتى تۇشقان دۆلەتلىك ئاخباراتقا قارشى تۇرۇش بىخەتەرلىك مەركىزىنىڭ سابىق باشلىقى ۋىليام ئېۋانىنا CBS قانىلىغا سۆز قىلدى.
ئېۋانىنا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئامېرىكىلىقلارنىڭ DNA سى قاتارلىق ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىنى توپلىماقچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قۇيدى.
سابىق ئاخبارات خادىمى بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي ، سېنزور ۋە 5G تورى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ خىتاينىڭ كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە قوللانغان تېخنىكىلارنى مونوپول قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.