مەنبە: Mepa News
سەيشەنبە ؛ 2021-يىل 2-فېۋرال…….
سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى دەيرىززور رايونىدا، ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىم خادىملىرى YPG ئەزالىرى بىلەن بىرلەشمە قونۇش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.
يەرلىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيىسى PKK نىڭ سۈرىيە تەشكىلاتى دەپ كۆرسىتىلگەن YPG كۈچلىرى بىلەن بىللە دەيرىززورنىڭ شەرقىدىكى باغۇز بازىرىغا يېقىن جايدا ھاۋادىن ئەسكەر تاشلاش ھەركىتى ئېلىپ بارغان.
ھەرىكەتتە 3 كىشىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ۋە نامەلۇم ئورۇنغا يۆتكەلگەنلىكىنى بايان قىلغان بولۇپ مەنبەلەر، قولغا ئېلىنغانلار ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرنىڭ ھەمبەھىرلەنمىگەنلىكىنى قوشۇپ قويدى.
بايدېن دەۋرىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ ، ئامېرىكىنىڭ PKK نىڭ سۈرىيە تەشكىلاتى دەپ كۆرسىتىلگەن YPG بىلەن تېخىمۇ ئەتراپلىق ھەمكارلىشىشىدىن ئۈمىد بار.
ئامېرىكا، تۈركىيەنىڭ «تېرورلۇق تەشكىلاتى» دەپ بېكىتكەن YPG قىسىملىرى بىلەن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىدە داۋاملىق خىزمەت قىلماقتا.