Home خەلقئارا خەۋەرلەرئاسىياروسىيەنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى سۈرىيەنىڭ شەرقىدە چۈشۈپ كەتتى

روسىيەنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى سۈرىيەنىڭ شەرقىدە چۈشۈپ كەتتى

by تەكلىماكان

مەنبە: Mepa News  / SANA

يەكشەنبە، 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ……

ئىگىلىنىشچە ، روسىيەگە تەۋە بىر ھەربىي تىك ئۇچار سۈرىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدا چۈشۈپ كەتكەن.

يەرلىك مەنبەلەرگە قارىغاندا ، تىك ئۇچار بۈگۈن ئەتىگەندە دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى خاسېكې ئۆلكىسىنىڭ يېزىلىرىدىكى تېل تېمېرغا يېقىن جايدا چۈشۈپ كەتكەن.

ئىگىلىنىشچە ، بۇ تىك ئۇچار بۇ رايوندىكى رەيھانىيە بىلەن قاسىمىيە ئولتۇراق رايونى ئوتتۇرىسىدىكى نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان.

تىك ئۇچارنىڭ نېمە ئۈچۈن چۈشۈپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن بولسىمۇ ، ھاكىمىيەتنىڭ SANA خەۋەر ئاگېنتلىقى تىك ئۇچارنىڭ چۈشۈپ كېتىپ ، ئۇچقۇچىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى دەلىللىدى.

ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندىن تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر يىراقلىقتىكى رۇسىيە ھەربىي بازىسى بار.

Related Articles

Leave a Comment