مەنبە : Mepa News
يەكشەنبە، 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى
كابۇل ھۆكۈمىتى ئەشرەف غېنىنىڭ ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش شەرتىنىڭ تالىبان رەھبىرى ھەيبېتۇللاھ ئاخۇنزادەنىڭ ئىشتىراك قىلىشى مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا قوللىغان ھۆكۈمەت ستانىكزاينىڭ سۆھبەت گۇرۇپپىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا ، ئەگەر ئاخۇندازادە تۈركىيەگە كەلسە غەنى يىغىنغا قاتنىشىدىكەن.
تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ ۋە سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ستانىكزاي سۆھبەتنىڭ ئاخىرلىشىشقا تېخى بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونىي بلىنكېن ئەشرەف غېنىغا يازغان خېتىدە غېنىنىڭ تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشماقچى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئافغانىستان تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئاپرېلدا تالىبان ۋە كابۇل ھۆكۈمىتىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.