مەنبە: AA / trthaber——–
2021-يىل 4-ئاينىڭ 18-كۈنى، يەكشەنبە ،
يېقىندىن بۇيان جىددىيلىك كۈچەيگەن ئامېرىكا ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرى بىرلەشمە بايانات ئىمزالاپ ، كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ قارشى تۇرۇشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇشتىكى ئالاھىدە ۋەكىلى جون كېررى ۋە شيې جېنخۇا خىتاينىڭ شاڭخەيدە ئىككى كۈنلۈك ئۇچرىشىشتىن كېيىن ھۆكۈمەتلىرىگە ۋاكالىتەن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى.
يېقىندا شەرقىي تۈركىستان ۋە شياڭگاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك مەسىلىسىدە قارمۇقارشى كەلگەن ئىككى دۆلەت كېلىمات ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىق ئۇچۇرى بەردى.
كېررى بىلەن جېنخۇا سۆھبىتىدىن كېيىن ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا ، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە تېخىمۇ ئاكتىپ ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى. باياناتتا ، پارىژ كېلىمات كېلىشىمىنىڭ ماددىلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى كېلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان مەسىلە ئىكەنلىكى ۋە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ مەسىلىگە سەزگۈر مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
4-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان كېلىمات ئۆزگىرىش رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنى ۋە نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان كېلىمات ئۆزگىرىش يىغىنىنىڭ مۇھىملىقى تىلغا ئېلىنغان باياناتتا ، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ يەر شارىدىكى كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى. .
ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۆلىتىنى پارىژ كېلىمات كېلىشىمىدىن چېكىندۈردى ، ئەمما 20-يانۋار ۋەزىپىگە ئولتۇرغان جو بايدىن ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنى كېلىشىمگە قايتۇردى.