930
مەنبە: Mepa News / sputniknews
2021-يىل 4-ئاينىڭ 21-كۈنى، چارشەنبە،
روسىيە قارا دېڭىز فىلوتىنىڭ ئەمەلدارلىرى 20 دىن ئارتۇق ئۇرۇش پاراخوتى ، Su-25SM3 ئايروپىلانى ۋە ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ قارا دېڭىزدا مانېۋىر ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى.
سپۇتنىكنىڭ دوكلاتىدا مانېۋىرنىڭ ئالدىن پىلانلانغانلىقى كۆرسىتىلدى. فىلوت ئەمەلدارلىرى يەنە مانېۋىرنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قىرىمغا 50 دىن ئارتۇق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.
روسىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قارا دېڭىزدا مانېۋىرى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە جىددىيلىك كەسكىنلىشىۋاتقان پەيتتە يۈز بەردى ، غەرب دۆلەتلىرى بولسا دېڭىز ئارمىيىسىنى قارا دېڭىزغا قاراتتى.
روسىيە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى غەرب كۈچلىرىنى دۆلەتنىڭ قارا دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان قىرىمدىن يىراق تۇرۇشنى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇردى.