888
مەنبە: Mepa News / Euronews
2021-يىل 4-ئاينىڭ 21-كۈنى، چارشەنبە،
ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي پرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننى ئۇرۇش مەيدانىدا كۆرۈشۈشكە چاقىردى ۋە ئۆزىنىڭ دۆلىتى بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان توقۇنۇشتا مىليونلىغان كىشىنىڭ خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
زېلېنسكىي پرېزىدېنت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان سىن كۆرۈنىشىدە رۇسىيە رەھبىرى پۇتىنغا خىتاب قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى. زېلېنسكىي مۇنداق دېدى: پۇتىن ئەپەندى، سىزنى ئۇرۇش داۋام قىلىۋاتقان ئۇكرائىنانىڭ دونباس رايونىدىكى ھەر قانداق جايدا كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلىمەن.
زېلېنسكىي ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان توقۇنۇشتا مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا خەتەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.