![](http://taklimakan.biz/wp-content/uploads/2021/04/f-35-aa-1543327_2.jpg)
مەنبە: trthaber / AA
2021-يىل 4-ئاينىڭ 22-كۈنى، پەيشەنبە،
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيەنىڭ F-35 پروگراممىسىدىن رەسىمىي چىقىرىلغانلىقىنى ئەنقەرەگە ئۇختۇرۇش قىلغانلىقىنى بىلىنمەكتە. 2006-يىلدىكى ئەسلەتمىنىڭ قالغان 8 شېرىك بىلەن يېڭىلانغانلىقى، پروگراممىغا يېڭى قاتناشقۇچىلارنىڭ قوشۇلمىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ، تۈركىيەنىڭ F-35 پروگراممىسىدىن رەسىمىي چىقىرىلغانلىقىنى ئەنقەرەگە ئۇختۇرۇش قىلغانلىقىنى بىلىدۈردى.
بايانات ئېلان قىلغان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارى بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.
بۇ ئەسلەتمىنىڭ قالغان 8 شېرىك بىلەن يېڭىلانغانلىقى ، پروگراممىغا يېڭى قاتناشقۇچىلارنىڭ قوشۇلمىغانلىقىمۇ كۆرسىتىلدى.
ئەسلى پروگراممىغا قاتناشقۇچىلار تۈركىيە ، ئامېرىكا ، ئەنگىلىيە ، ئىتالىيە ، گوللاندىيە ، ئاۋىستىرالىيە ، دانىيە ، كانادا ۋە نورۋېگىيە قاتارلىقلار بولۇپ تۈركىيە چىقىرۋېتىلگەن.