مەنبە: TRT Haber
2021-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى، يەكشەنبە
خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ قوللىنىشچان پروگراممىسى TikTok بىر قەدەم تاشلىدى.
شەخسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتىنى يېڭىلاپ، شىركەت ئابونتلارنىڭ بىئولوگىيەلىك سانلىق مەلۇماتلىرىنى يىغىشقا باشلىدى. بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇ سانلىق مەلۇماتلار قوللىنىشچان پروگرامما تەرىپىدىن ساقلىنىپ ، ئابونتلارنى تونۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن.
ئېگەنلىنىشچە، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىچىدە ئابونتلارنىڭ چىراي ۋە ئاۋازلىرى ساقلنىپ ماڭىدىكەن.
بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن تەنقىدلەندى
TikTok نىڭ ئابونتلىرى بىر مىلياردتىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇ دېتالى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن دائىم تەنقىدلىنىپ ، ئابونتلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېرىدىغانلقى كۈن تەرتىپتە ئىدى.
facebook قا قوش تەكشۈرۈش
TikTok يېڭى قارار چىقىرىشى بىلەن، يەنە بىر ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى Facebook قوش تەكشۈرۈشكە باشلاندى.
ياۋروپا بىرلەشمىسى ۋە ئەنگىلىيە فېيسبۇكقا قارىتا رىقابەت تەكشۈرۈشىنى باشلىدى.
ياۋروپا كومىتېتى 3 مىليارد ئابونتقا ئىگە Facebook نىڭ ئېلان مۇلازىمىتىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان-قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرىشكە باشلىدى.
نەچچە مىليارد دوللار جەرىمانە تۆلىيەلەيدۇ
ئىجتىمائىي تاراتقۇ ماگناتىنىڭ ئېلان بازىرىدا ئەۋزەللىك بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى ۋە قولىدىكى ئىشلەتكۈچى سانلىق مەلۇماتلىرى سەۋەبىدىن ئادالەتسىز رىقابەت پەيدا قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.