مەنبە: ukdefencejournal
2021-يىل 7-ئاينىڭ 26-كۈنى، چارشەنبە،
ئەنگىلىيىگە تەۋە HMS خانىش ئېلىزابېت ناملىق ئوۋىئاماتكا ۋە ئۇنىڭ زەربە بېرىش گۇرۇپپىسى جەنۇبىي دېڭىزدىكى خىتاي تەلەپ قىلىۋاتقان رايۇنغا كىردى.
بۇ ئاۋىئاماتكا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى يېقىندا جەنۇبىي دېڭىزغا كىرىشتىن بۇرۇن سىنگاپوردا بولغان.
خىتاي 1 مىليون 300 مىڭ كۋادرات ئىنگلىز مىلى كېلىدىغان جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆزىنىڭ ئىگىلىك زېمىنى دەپ جار سېلىپ كەلدى، يەنە نۇمۇس قىلماستىن ھەمدە ئۇ يەردە چەتئەل ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ بارلىقىنى رايوندىكى جىددىيلىكنىڭ يىلتىزى دەپ ئەيىبلىدى.
خىتاينىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇنىڭ دېڭىزغا بولغان تەشەببۇسى ھەم «دېڭىز ئەھدىنامىسى قانۇنى» ۋە ئاتالمىش «توققۇز سىزىق» لىنىيىسىنى ئاساس قىلغان. بۇ لىنىيە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن 2000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ ، دېڭىزنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن ، 2016-يىلدىكى تارىخى قاراردا، گاگادىكى خەلقئارا سوت خىتاينىڭ دېڭىزغا بولغان بىر قىسىم تەشەببۇسىغا قارشى ھۆكۈم چىقاردى. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە ئاۋىستىرالىيە دائىم يول باشلاش ئەركىنلىكى ھۆقۇقىنى ئېلىپ بېرىپ ،خىتاينىڭ «دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ دېڭىزغا كىرىشىنى قانۇنسىز چەكلەشكە ئۇرۇنۇشى» غا جەڭ ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە ھەر ئىككىسى ئىلگىرى جەنۇبىي دېڭىزدا يول باشلاش ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىش خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قۇزغىدى.