مەنبە: AA / trthaber
2021-يىل 8-ئاينىڭ 01-كۈنى، يەكشەنبە،
ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراخمانيام جايشانكار باياناتىدا مۇنداق دېدى: چېگرادىكى جىددىيلىك خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ مۇناسىۋىتىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسەتتى.
جايشانكار باياناتىدا يەنە، خىتاي تەرەپنى ھەر قانداق بىر تەرەپلىمە ھەرىكەتنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
خىتاينىڭ سۆزلىشىش چاقىرىقى
خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى يەنە تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىشنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
باش شتابى ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئاخبارات ئورگىنى بىلۇمبېرگنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ 4 ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى ئاساس قىلىپ ، 28-ئىيۇن ھىندىستاننىڭ چېگرا رايونىغا كەم دېگەندە 50 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.
مەسئۇللار رايوندىن ئەسكەرلەردىن باشقا ، ئېغىر تىپتىكى قوراللار ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەترىتىنىڭمۇ ئەۋەتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى. ھىندىستان ئارمىيىسى بۇ ئىش توغرىسىدا رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىغان.
خىتاي – ھىندىستان چېگرا ماجىراسى
ھىمالايا تېغى بىلەن قورشالغان خىتاي-ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئېنىقسىز چېگرا لىنىيىسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ماجىراسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دەريا ، كۆل ، مۇزلۇق ۋە قارلىق چوققىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3500 كىلومېتىرلىق چېگرا ھەمىشە تەرەپلەرنى يۈزتۇرانە ئېلىپ كېلىدۇ.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى «جەنۇبىي شىزاڭ» دەپ ئاتايدىغان ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال پرادېش ئۆلكىسىدە 90 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر يەر تەلەپ قىلسا ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يېڭى دېھلى ئاكساي ئېگىزلىكىنىڭ 38 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇزۇن مۇددەتلىك سۆھبەتكە قارىماي ، تەرەپلەر ئىگىلىك ھوقۇقى ماجىراسىنى ھەل قىلالمىدى.