بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئەنئەنىۋى تائاملاردىن بولغان سىڭدۈرمە تەييارلاش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
خام ماتېرىيالى: گۆش، گۈرۈچ، يىسىۋېلەك، بەرەڭگە، غولپىياز، كۆكمۇچ، پەمىدۇر
خۇرۇچ ماتېرىيالى: تۇز، زەنجىۋىل، سامساق، قىزىلمۇچ قىيامى
تەييارلاش ئۇسۇلى: گۆشنى نېپىزراق قىلىپ ياپراقچە ھالەتتە توغرىۋالىمىز؛ كۆكتاتلارنى بۇرجەكلىك پارچە ھالەتتە توغراپ تەييارلايمىز؛ گۈرۈچنى يۇيۇپ 20 مىنۇت ئەتراپىدا ئىلمان سۇغا چىلاپ قويىمىز.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى: قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، ئاۋۋال گۆشنى سېلىپ قورىۋالغاندىن كېيىن، مۇۋاپىق مىقدارداتۇز، قىزىلمۇچ قىيامى، پەمىدۇر قىيامى سېلىپ قورۇيمىز؛ كەينىدىن غولپىياز بىلەن زەنجىۋىلنى سېلىپ ئازراق قورۇۋالغاندىن كېيىن، بەرەڭگە، يىسىۋېلەك، كۆكمۇچ ۋە پەمىدۇرلارنى سېلىپ قورۇپ، گۈرۈچ چىلاشقۇچىلىك سۇ قۇيۇپ قاينىغاندا تۇز تەمىنى تېتىپ، ئۈستىگە تەييارلىۋالغان گۈرۈچنى سېلىپ 15مىنۇت ئەتراپىدا بوش ئوتتا قاينىتىمىز؛ ئاندىن گۈرۈچنى ئۆرۈپ، 25 مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەپ پىشۇرۋالىمىز.
ئالاھىدىلىكى: سىڭدۈرمە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەنئەنىۋى تائاملىرىنىڭ بىر بولۇپ، ئۇزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى بولۇش، سىڭىشلىك بولۇش، سىرتقى كۆرۈنۈشى رەڭلىك ھەم كۆركەم بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.