ئائىلىدە شاكىچىك بار بولسا، ئۇششاق يېمەكلىكلەر كەم قالسا بولمايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا سىرتتىن ئۇششاق يېمەكلىك سېتىۋالغاندىن، ئۆيدە ئۆزىمىز تەييارلىساق، تېخىمۇ پاكىزە چىقىدۇ، بىزمۇ خاتىرجەم بولالايمىز. شۇڭا بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تۇخۇم تەملىك ئۇششاق تۈرۈم پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كىتەرلىك ماتېرىيال: ئىككى تال تۇخۇم، 40 گىرام ئاق شېكەر، 50 گىرام تۆۋەن تالالىق ئۇن، 100گىرام قوناق كىراخمالى، 35گىرام سۈت پاراشوكى، 35گىرام قوناق مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى
بىرىنچى قەدەمدە، ئالدى بىلەن سۇ ۋە ماي يۇقى بولمىغان قاچىدىن بىرنى تەييارلاپ، تۇخۇمنى قاچىغا چاقىمىز، بىرلا ۋاقىتتا يەنە ئاق شىكەر قوشۇپ، ئازراق كۆپۈكچە پەيدا بولغۇچىلىك قوچۇيمىز ھەمدە ئاق شېكەر پۈتۈنلەي ئىرىگەن ھالەتكە ئەكىلىمىز. كەينىدىن تۆۋەن تالالىق ئۇن بىلەن قوناق كىراخمالىنى قوشىمىز.
ئىككىنچى قەدەمدە، مۇۋاپىق مىقداردا سۈت پاراشوكى قوشۇپ، كۆممىقوناق مېيىنى بىر نەچچە قېتىمغا بۆلۈپ قوشىمىز ھەمدە ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر ھالىتىگە ئەكىلىمىز؛ خېمىرنى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن، توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش بۆلۈمچىسىگە سېلىپ 30 مىنۇت قويىمىز.
ئۈچىنچى قەدەمدە، 30 مىنۇت توشقاندىن كېيىن خېمىرنى ئېلىپ، خېمىرنى كىسىپ لەغمەن جىزىسىغا ئوخشاش جىزا قىلىمىز، كەينىدىن ئۇششاق قىلىپ رەسىمدىكىدەك كىچىك تىپتىكى موما تەييارلىۋالىمىز.
تۆتىنچە قەدەمدە، كىچىك مومىلارنى ماي قەغەز ياتقۇزۇپ تەييارلىغان دوخوپكا تەخسىسىگە تىزىپ چىقىمىز؛ دوخوپكىنى 150 گىرادوستا ئالدىن قىزىتىمىز.
بەشىنچى قەدەمدە، دوخوپكا قىزىپ تەييار بولغاندىن كېيىن، كىچىك موما تىزىلغان تەخسىنى سېلىپ، 20 مىنۇت ئەتراپىدا قاقلاپ پىشۇرۇپ، پىشقاندىن كېيىن سۇۋۇتۇپ ئىستېمال قىلساقلا بولىدۇ.