تەكلىماكان
تەكلىماكان
تەكلىماكان
تەكلىماكان
  • Home
  • Buy Now
Copyright 2021 - All Right Reserved
ئۆي سىياسىي ماقالىلەرتاكى تۈركىستاندا مۇسۇلمانلار قالمىغۇچە «تەرجىمە ماقالە»

تاكى تۈركىستاندا مۇسۇلمانلار قالمىغۇچە «تەرجىمە ماقالە»

تەرىپىدىن تەكلىماكان 2021-12-06
Share 0FacebookTwitterPinterestThreadsBlueskyEmail
1.2K
قىزىقىشىڭىز مۇمكىن
  • روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى خىتاي ئۈچۈن بىر چوڭ «سىناق»
    2022-03-06
  • بىر ئۈممەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئافغانىستانغىچە، كاۋكازدىن پەلەستىنگىچە بولغان ساداقەتمەنلىك قەرزى
    2022-04-22
  • خىتاي بىلەن روسىيە نېمە ئۈچۈن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدۇ؟ «تەرجىمە ماقالە»
    2021-12-11
  • خىتاي بىلەن ئامېرىكا توقۇنۇشى «ئۆزەك ئۇرۇشى» بىلەن يۇقىرى پەللىگە يەتتى
    2022-10-22
  • ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس
    2020-09-19
  • تابىئىنلار ھاياتىدىن تاللانمىلار
    2020-09-19

يازغۇچى: Mahmut Cemil İnce

تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن

2021- يىلى 2-ئاينىڭ 06-كۈنى ، شەنبە،

شەرقىي تۈركىستان ، خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدا ، ئەسىرلەر بويى داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە. بۇ رايوندا ياشايدىغان مۇسۇلمان خەلقلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ نىشانى بولۇپ كەلگەن ئىدى. يېقىنقى يىللاردا ، ھازىرقى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2013-يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى نىشان قىلغان ۋەھشىيلىكنىڭ دەرىجىسى ھەسسىلەپ ئاشتى.

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مۇددىئاسى ئېنىق بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرالايدىغان بىرمۇ ئادەمنى قالدۇرماسلىق شۇنداقلا تارىخ ، مەدەنىيەت ، مىللەت ۋە ئەڭ مۇھىمى دىني جەھەتتە كوممۇنىست ھاكىمىيەت بىلەن بىرلىككە كېلەلمەيدۇ دەپ قارالغان تۈركىستان خەلقىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇشنى خالايدۇ. خىتاينىڭ بۇ رەزىل مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن قوللىنىلغان ۋەھشىيانە قەبىھ ئۇسۇللىرى ئادىملىكىنى يوقاتمىغان بىر ئىنسان ئۈچۈن ئىنتايىن قورقۇنچلۇق.

خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلەرنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكى، كۈندىلىك تۇرمۇشى قارتالىق ئەھۋالاتلىرىنى كۆزىتىۋاتىدۇ ۋە خاتىرىلەۋاتىدۇ. ئۇندىن باشقا خىتاي ئۇلارنىڭ ئىبادەت قىلىشىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە مۇسۇلمان بولۇپ ياشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن كۈچەۋاتقان بولۇپ، مەسچىتلەرنى ، دىنىي جايلارنى ھەمدە تارىخىي جايلارنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ. ئەڭ يىرگىچلىك يىرى شۇكى خىتاي كومپارتىيسى ئىسلامغا خاس نىسبەت بىرلىدىغان ئىسىملارنىمۇ چەكلىمەكتە.

خىتاي مىليونلىغان كىشىلەرنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قامىغان بولۇپ ئۇ كىشىلەر ئىزدىرەكسىز يوقۇلۇپ كىتىپ بارماقتا . بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قاراڭغۇ قاماقخانىلاردا ياشىغان، قۇرسىقى تۇيغىدەك ياماق يېيەلمىگەن، كۈندە ئېنىق بولمىغان دورا بېرىلگەن ، توختىماي ھاقارەتلىنىدىغان ، قىيناش ۋە باسقۇنچىلىققا توختىماي ئۇچىراۋاتقان ئادەمنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. ناۋادا ئاشۇ قورقۇنۇچلۇق قاماقخانىدىن مەلۇم ئادەم قويۇپ بېرىلگەن بولسا، بۇ ئادەم ئاللاھ بۇرۇن جېنى يوق جەسەتكە ئايلىنىپ بولغان بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى «تەھدىت»تىن قۇتۇلۇپ قالغان بولىدۇ.

يۈزمىڭلىغان ئاياللار جازا لاگېرلىرىدا سىستېمىلىق ھالدا باسقۇنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان خىتاي ئەرلىرى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئائىلەرگە مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇلىۋاتىدۇ. بۇنداق بولغاندا ، خىتاينىڭ ياللاقچىلىرى كىرگەن ئۆيلەردىكى يۈزمىڭلىغان مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھاياتى ۋەيران بولىدۇ. توختىماي تەھدىت ۋە كۆزىتىش ئاستىدا ياشايدىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار داۋاملىق پاراكەندىچىلىك ۋە باسقۇنچىلىق ئىچىدە ياشايدۇ ، ئۇلار ھايات قالغان تەقدىردىمۇ جانسىز جىسىمغا ئايلىنىۋاتىدۇ.

دۇنيا مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى

شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان ئىشلار ئەمەلىيەتتە ھەر بىر ئىنسان ۋە ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئاساسلىق دىققەت ئىتىبارىنى بىرشى كېرەك بولغان ئىشتۇر.

قانداقلا بولمىسۇن ، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئومۇمىي كۆز قارىشى، باشقا مۇھىم مەسىلىلەرگە ئوخشاش نەزەرىيەۋى مۇلاھىزە ۋە ئەيىبلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قىلۋاتىدۇ.

ئەلۋەتتە ، ئەيىبلەش ھېچنىمىنى ئۆزگەرتەلمىسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستان تەرەپتە تۇرۇپ خىتاينى ئەيىبلەيدىغانلارنى كۆرۈش يەنىلا خۇشاللىنارلىق بىر ئىش. چۈنكى بەزى كىشىلەر ھەتتا خىتاينى ئەيىبلىنىشىنىمۇ خالىمايدۇ. ھەتتا دۆلىتىمىز (تۈركىيە) دىمۇ ئاخبارات ئورگانلىرىدىكى سىياسىي ئەربابلار ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ خىتاينى قوللاۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

قانچىلىك يىراقلىقتا؟

ئەگەر بېرىلگەن ئەڭ يۇقىرى ساننى ئويلاشقاندا شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ سانى 20 مىليون ئەتراپىدا (ئاپتۇرغا يەتكەن سان 20 مىليۇن بولىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە 35 مىليۇن دەپ قارىلىدۇ) ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلاردۇر. خىتاينىڭ ھازىرقى نوپۇسى بىر مىلياردتىن ئاشىدۇ.شەرقى تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار خىتاينىڭ سانائەت ، تېخنىكا ، ئارمىيە ، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ئالدىدا ھېچقانداق ماددىي كۈچى يوق ھالەتتە. ۋەھالەنكى،شەرقىي تۈركىستاندا تىرىك مۇسۇلمانلار قالمىغۇچە ، خىتاي يەنە قانچە يىل ھەركەت قىلىدۇ؟تۈركىستاندىن كەلگەن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان بولۇپ، ئۇلارمۇ خىتايغا تاپشۇرۇلۇپ بېرىلىشتىن ساقلىنىپ قالسا ئەلۋەتتە .

ئىنتايىن قىممەتلىك پىكىر رەھبەرلىرى، يازغۇچىلار ۋە ئوبرازچىلار بۈگۈنكى كۈندە باشقا باشقا نەرسىلەر ھەققىدە سۆزلىگەنگە ئوخشاش شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە پاراڭلىشىدىغان يىغىنلارنى ئۆتكۈزەمدۇ؟

ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىدا «پورتو دېل سۇسپىرو دېل مورو» دەپ ئاتىلىدىغان بىر رايون بار. ئۇنىڭ مەنىسى «ئاھ ئۇرغان دەرۋازا». ھېكايىگە قارىغاندا، 1492-يىلى، ئەندەلۇسدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىسلام دۆلىتى گرانادا ئەمىرلىكىنىڭ ئەمىرى 12-مۇھەممەد چېكىنىشكە مەجبۇر بولغاندا، ئاخىرقى قېتىم ئارقىدىكى شەھەرگە قاراپ يىغلىغان. بۇ چاغدا ئانىسى ئۇنىڭغا «ئەلۋەتتە سەن ئەركىشىگە ئوخشاش قوغدىيالمىغانىدىكىن ، ئايال كىشىدەك يىغلايسەن» دېگەندەك سۆزنى ئېيتقان ئىكەن.

بىز تۈركىستان ئۈچۈن ياش تۆكۈشتىن نومۇس قىلمايمىزمۇ؟

بۇ ماقالىنىڭ ئەسلىسى جەمئىي 11،181 قېتىم ئوقۇلغان.
بۇ ماقالە 2- ئايدا يېزىلغان بولسىمۇ تەرجىمە ئەھمىيىتى بار دەپ قارالغاچقا تەرجىمە قىلىندى.

https://t.me/taklimakan2020
تور بەت ئادېرسىمىز؛👇👇👇
https://taklimakan.biz/
ۋاتساپ ئۇلانمىمىز👇👇👇
https://chat.whatsapp.com/JmAWyMLRk7dB5HdnyYxI7B

ماقالىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:

https://www.mepanews.com/turkistanda-musluman-kalmayincaya-kadar-13650yy.htm
قىزىقىشىڭىز مۇمكىن
  • روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى خىتاي ئۈچۈن بىر چوڭ «سىناق»
    2022-03-06
  • بىر ئۈممەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئافغانىستانغىچە، كاۋكازدىن پەلەستىنگىچە بولغان ساداقەتمەنلىك قەرزى
    2022-04-22
  • خىتاي بىلەن روسىيە نېمە ئۈچۈن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدۇ؟ «تەرجىمە ماقالە»
    2021-12-11
  • خىتاي بىلەن ئامېرىكا توقۇنۇشى «ئۆزەك ئۇرۇشى» بىلەن يۇقىرى پەللىگە يەتتى
    2022-10-22
  • ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس
    2020-09-19
  • تابىئىنلار ھاياتىدىن تاللانمىلار
    2020-09-19
ئېرىقى قىرغىنچىلىقباستۇرۇش سىياسىتىخىتايشەرقىي تۈركىستان
Share 0 FacebookTwitterPinterestThreadsBlueskyEmail

باھا يېزىڭ جاۋابنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش

ئالدىنقى يازما
Freeze Away! 5 Reel Slot! For Even More Games Register On Http
كېيىنكى يازما
ئافرىقا قىتئەسىدىكى: ھەقدار «دوست» خىتاي «دىئاگرامما»

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» دىن...

خەرىتە | ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى ئىشغال قىلىشىدىكى ئەڭ يېڭى...

📌 خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى

ھاماسنىڭ غەززەدىكى مەخپىي تونېل تورى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

تەھلىل | خىتاينىڭ ئىقتىسادى غەرب مۆلچەرلىگەندەك ئۇنچىۋالا كۈچلۈك...

روسىيە ئېغىر خاتالىقىدىن ساۋاق ئېلىپ تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ

تىز ياردەم بىرىش قىسمى بىلەن سۇدان ئارمىيىسى ئوتتۇرسىدىكى...

فىلىملەر

  • ئەبۇ ئۇبەيدە كىم؟ «يېڭى فىلىم»

    2023-11-15
  • خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىنى قانداق چۈشۈنىش كېرەك؟ (يېڭى فىلىم)

    2023-10-20
  • خىتاي تەھدىتى ئاسىيادىكى مۇداپىئە سىياسىتىنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟

    2023-08-06
  • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن» 2023-07-09

    2023-07-09
  • خىتاي, ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە قالدۇرغان «كۈچ بوشلۇقى» نى تولدۇرماقچىمۇ؟

    2023-07-08

يازما ئەسەرلەر

  • خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى

    2023-12-21
  • ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

    2023-12-09
  • ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» دىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

    2023-12-07
  • 📌 خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى

    2023-11-30
  • ھاماسنىڭ غەززەدىكى مەخپىي تونېل تورى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

    2023-10-29

ئاۋات تېمىلار

  • 1

    ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» دىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

    2023-12-07
  • 2

    📌 خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى

    2023-11-30
  • 3

    خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى

    2023-12-21
  • 4

    ئىسرائىلىيە قىسىملىرى جەنىن پاناھلانغۇچىلار لاگېرى بىلەن  ئۈچ  دوختۇرخانىنى قورشاۋغا ئالدى

    2023-11-30
  • 5

    ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

    2023-12-09

Footer - تەكلىماكان تەشۋىقات

تەكلىماكان تەشۋىقات لوگوسى

تەكلىماكان تەشۋىقات - ئۇنۋىرسال چوڭ توربىكەت. فىلىم، خەۋەر، ئىقتىساد، ماقالە ۋە رەسىملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تېز ئۇلانمىلار

  • باش بەت
  • ھەققىمىزدا
  • فىلىملەر
  • خەۋەرلەر
  • ئالاقىلىشىش

بۆلەكلەر

  • خەلىقئارا خەۋەر
  • ئىقتىسادى كۆزنەك
  • ماقالە
  • رەسىم
  • ۋىدېئو

ئالاقە

  • [email protected]

© 2023 تەكلىماكان تەشۋىقات. ھەققى مۇھاپىزەت قىلىنغان.

تەكلىماكان
  • باشبەت
  • فىلىملەر
    • كۈندىلىك خەۋەر
    • تارىخى فىلىم
    • بالىلار فىلىملىرى
    • سىياسىي فىلىم
    • تەبىئەت دۇنياسى
    • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن»
  • خەلقئارا خەۋەرلەر
    • ياۋروپا
    • ئاسىيا
    • چاقماق خەۋەر
    • ئوتتۇر شەرىق
    • ئىقتىسادى كۆزنەك
  • ماقالىلەر
    • دىننى ۋە تارىخى كىتابلار
    • بالىلار ئۈچۈن ئوقۇشلۇقى
    • سىياسىي ماقالىلەر
    • شېئىرلار
    • ئۈزۈندىلەر
    • ئۇيغۇر تىبابىتى
  • ئەسكىرىي يوللانمىلار
    • قورال ياراغلارنىڭ مەلۇماتلىرى
    • تارىختا ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ئۇرۇشلار
    • قسىقا ئەسكىري بىلىملەر
    • قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى
    • ھاۋا ئارمىيىسى
    • دېڭىز ئارمىيىسى
    • ئەسكىرى يېڭىلىقلار
  • ئاۋازلىق كىتاب
    • قۇرئان كەرىم «ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق تەرجىمىسى»
    • قىرائەت
      • ئەيمەن سۇۋەيدى
      • مۇھەممەد كوردى
      • ھانى ئەر رىفائى
    • شىرىن بۇلاق
    • تۆت خەلىپە
    • قۇتادغۇبىلىك
  • رەسىملەر
    • دىئاگرامما
    • تۈركىستان مەنزىرلىرى
    • pds لاھىيە رەسىملىرى
    • ئۇيغۇرچە خەرىتىلەر
    • تەكلىماكان لاھىيىسى
    • قورال-ياراغ
  • باشقىلار
    • دۆلەتلەر
    • ئۇيغۇر تىلى
    • ساغلاملىق
    • ئۇيغۇر تائاملىرى
    • مەشھۇر شەخسلەر

كۆرۈپ بىقىڭx

سانلارنى تۇتاشتۇرۇش ئويۇنى

رەڭلەرنى ئۆگىنىش

چىش ئاسراش