تەكلىماكان
تەكلىماكان
تەكلىماكان
تەكلىماكان
  • Home
  • Buy Now
Copyright 2021 - All Right Reserved
ئۆي خەلقئارا خەۋەرلەرئاسىيابىللىنكېن ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىستراتېگىيىلىك زىيارەت ساياھىتىنى باشلىدى

بىللىنكېن ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىستراتېگىيىلىك زىيارەت ساياھىتىنى باشلىدى

تەرىپىدىن تەكلىماكان 2021-12-14
Share 0FacebookTwitterPinterestThreadsBlueskyEmail
1.4K
قىزىقىشىڭىز مۇمكىن
  • ترامپ: خىتاي تاجىسىمان ۋىرۇس سەۋەبىدىن دۇنياغا 10 تىرىليون دوللار تۆلەم تۆلىشى كېرەك
    2021-06-07
  • رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە خادىملىرى ياروپادا بەس- بەستە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلماقتا
    2023-04-27
  • خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىڭ گاڭ ئامېرىكالىق سودىگەر ئېلون ماسكقا «بىز سودىغا ئوچۇق» دەپ ئۇچۇر بەردى
    2023-05-31
  • تەيۋەننىڭ ئېيتىشىچە، ئارال ئەتراپىدا خىتايغا تەۋە 20 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە 14 پاراخوت كۆرۈلگەن.
    2022-08-07
  • شىمالىي كورېيە رەھبىرى رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن قەدەم بېسىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى
    2023-09-23
  • سومالىدىكى ئەلشاباب ھەركىتىنىڭ ھۇجۇمىدا 3 ئىمارەت ۋە 1 بەھرەيىن ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى
    2024-02-13

يازغۇچى: Washington / Ali Barada

تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇراھمان

2021-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى.. سەيشەنبە…

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونىي بىللىنكېن پرېزىدېنت جوۋ بايدىننىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھالقىلىق رىقابەت مەيدانى بولغان ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىستراتېگىيىسىنى بەلگىلەش ۋەزىپىسى دائىرىسىدە 14-چىسلا ھىندونېزىيەگە كەلدى، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى زىيارىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتى. بىللىنكېننىڭ زىيارىتى رۇسىيە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى نىكولاي پاتروشېفنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتاغا كېلىشىگە توغرا كەلدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا، بىللىنكېننىڭ ئامېرىكىنىڭ روسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن G7 دۆلەتلىرىنىڭ ئەنگىلىيەدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، ھىندونېزىيە پايتەختىگە بىۋاسىتە كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. باياناتتا ، بىللىنكېننىڭ ھىندونېزىيە پرېزىدېنتى جوكو ۋىدودو ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېتنو مارسۇدى ۋە ھىندونېزىيەنىڭ باشقا ئەمەلدارلىرى بىلەن ئالاقىلاشقانلىقى خەۋەر قىلىندى. بىللىنكېننىڭ بۇ يەردە ئامېرىكىنىڭ ھىندى-تېنچ ئوكيان ئىستراتېگىيىسى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىشى مۇمكىن ئىكەن. بىللىنكېن نۇتۇقتا ئامېرىكىنىڭ 10 دۆلەت ئەزاسى بولغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورنىتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىن ئۈمىد بار.

گەرچە جاكارتا بىلەن ۋاشىنگتون 2015-يىلى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ئورناتقان بولسىمۇ ، ئەمما ترامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدە بۇ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا چوڭ تەشەببۇس يوق ئىدى. بايدىننىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە ، ھەربىي ئىشلار ، تور بوشلۇقى ۋە رەقەملىك ئىقتىسادنى كېڭەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە ماسلاشتۇرۇلغان.

بىللىنكېننىڭ ھىندونېزىيەنى كۈن تەرتىپىگە قويۇشىدىكى سەۋەب ، ئۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن ، ھىندونېزىيە بولسا چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بۇ رىقابەتتىن ئېھتىيات قىلغان. سىدنېيغا جايلاشقان لوۋى ئىنستىتۇتىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا پروگرامما دېرىكتورى بېن بلاند سىنگاپور ۋە ۋيېتنامنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:  ۋاشىنگتون ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى خىتايغا بولغان ئىنكاسىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلارغا تېخىمۇ ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولدى. بلاند يەنە مۇنداق دېدى: مەن بىللىنكېننىڭ سەپىرىنىڭ ئامېرىكا سىياسىتىدە تۈزىتىشنىڭ باشلانغانلىقى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى ھىندونېزىيە گەرچە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشتىن قورقىدىغان بولسىمۇ ، خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايوننى كۆرۈشنى خالىمايدۇ.

ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارسۇدى بىللىنكېن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد ۋە ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق پىلانلاردا «خېلى كۈچلۈك ۋەدە» بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. بىللىنكېن ھىندونېزىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىنى بولۇپمۇ مەبلەغ سېلىش ۋە ئۇل ئەسلىھە تەرەققىياتى ئارقىلىق ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەردى.

ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە تېنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى دانىيال كرىتېنبرىنك بىللىنكېننىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا باشلىنىشتىن بۇرۇنقى باياناتىدا مۇنداق دېدى: ۋاشىنگتون «خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاجاۋۇزچىلىق مەيدانىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن رايون بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ».  كرىتېنبرىنك بېيجىڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم دېڭىز يولىغا بولغان ھوقۇقىنى قوغدىشىغا قارىماي ، پۈتكۈل جەنۇبىي دېڭىزغا دېگۈدەك ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، دۆلىتىنىڭ «خىتاي ياكى باشقا رايونلۇق ئارتىسلارنىڭ رايوننى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتى»گە قارشى ئىكەنلىكىنى قوشۇپ قويدى.

يېقىندا ياپونىيە ، سىنگاپور ۋە كورېيەنى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا سودا مىنىستىرى گىنا رايموندو: «ئامېرىكا كېلەر يىلى ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرى ، ئېكسپورتنى كونترول قىلىش ۋە سۈنئىي ئىدراك قاتارلىق ساھەلەرنى ئاساس قىلىپ، ئىنتايىن كۈچلۈك ئىقتىسادىي رامكا كېلىشىمى ئىمزالاشنى مەقسەت قىلىدۇ»دېدى. ئارزۇ قىلىنغان كېلىشىمنىڭ سودا كېلىشىمى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن رايموندو ، ئامېرىكىنىڭ 11 دۆلەت (ئاۋىستىرالىيە ، برۇنېي ، كانادا ، چىلى ، ياپونىيە ، مالايسىيا ، مېكسىكا ، يېڭى زېلاندىيە، پېرۇ ، سىنگاپور ۋە ۋيېتنام) دىن تەركىب تاپقان تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى سودا كېلىشىمىگە قاتناشقانلىقىنى ئېيتتى.

لوۋى ئىنستىتۇتىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى بلاند ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىللىنكېننىڭ جاكارتادىكى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا مۇھىم نۇتۇق سۆزلەش قارارىنى «ئامېرىكىنىڭ ھىندونېزىيەنى بۇ رايوندىكى ئاساسلىق رولچى دەپ قارايدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى» دەپ تەسۋىرلىدى..

بىللىنكېن، گەرچە خىتاي «’21- يۈز يىلدا ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭ جۇغراپىيىلىك سىياسىي سىنىقى» دەپ تەسۋىرلىگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ ئىزچىل ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ۋە دۈشمەنلىك ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ كەلدى. خىتاي دېموكراتىك باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان تەيۋەننىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ناچارلاشتى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۆتكەن يىلى 2-ئايدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن بۇيان داۋالغۇپ تۇرغان بېرما مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى.

يەنە بىر تەرەپتىن ، بىللىنكېننىڭ ھىندونېزىيە زىيارىتى پۇتىننىڭ باش مەسلىھەتچىسى بولغان روسىيە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى پاتروشېفنىڭ كېلىشىگە توغرا كەلدى. روسىيەنىڭ جاكارتادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىدا ، پاتروشېفنىڭ زىيارىتىنىڭ مەقسىتىنىڭ ھىندونېزىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن «بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە مەسلىھەتلىشىش» ئىكەنلىكى ، پاتروشېۋنىڭ ھىندونېزىيە بىخەتەرلىك مىنىستىرى مۇھەممەد مەھفۇز بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ۋە كېلىشىم ئىمزالايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ھىندونېزىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق دۈشمىنى بولغان روسىيە ۋە ئىران بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتى دۆلەتنىڭ «ئەركىن ۋە ئاكتىپ» تاشقى سىياسەت ئۇسۇلىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بلاند مۇنداق دېدى: «جاكارتا ئامېرىكا بىلەن بولغان تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قارشى ئالسىمۇ ، ئەمما خىتاي ، روسىيە ۋە ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەت داۋاملىشىدۇ ».

قىزىقىشىڭىز مۇمكىن
  • ترامپ: خىتاي تاجىسىمان ۋىرۇس سەۋەبىدىن دۇنياغا 10 تىرىليون دوللار تۆلەم تۆلىشى كېرەك
    2021-06-07
  • رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە خادىملىرى ياروپادا بەس- بەستە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلماقتا
    2023-04-27
  • خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىڭ گاڭ ئامېرىكالىق سودىگەر ئېلون ماسكقا «بىز سودىغا ئوچۇق» دەپ ئۇچۇر بەردى
    2023-05-31
  • تەيۋەننىڭ ئېيتىشىچە، ئارال ئەتراپىدا خىتايغا تەۋە 20 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە 14 پاراخوت كۆرۈلگەن.
    2022-08-07
  • شىمالىي كورېيە رەھبىرى رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن قەدەم بېسىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى
    2023-09-23
  • سومالىدىكى ئەلشاباب ھەركىتىنىڭ ھۇجۇمىدا 3 ئىمارەت ۋە 1 بەھرەيىن ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى
    2024-02-13
ئامېرىكائىستراتېگىيەخىتايروسىيەھىندونېزىيەھىندى-تىنچ ئوكيان
Share 0 FacebookTwitterPinterestThreadsBlueskyEmail

باھا يېزىڭ جاۋابنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش

ئالدىنقى يازما
ۋابانىڭ Omicron ۋاريانتى خىتايغا چاچىرىدى
كېيىنكى يازما
«ۋال كوچىسى گېزىتى»: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئامېرىكىغا F-35 كېلىشىمىدىن چېكىنىشنى خالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئامېرىكا ئۇكرائىناغا ئوق-دورا تەمىنلەش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە.

خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئول ئەسلىھەلىرى توختىماي ھۇجۇمغا ئۇچۇرماقتا

روسىيە: بىز ئۇكرائىناغا كەلگەن بارلىق فرانسىيە ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرىمىز

روسىيە قىسىملىرى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ «Dynamic Manta 2024» مانېۋىرى...

ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى «رافاھ پىلانى» نى ئۇرۇش كابىنېتىغا سۇندى

ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن روسىيەگە قارىتا يېڭى جازا...

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىن سايلام پائالىيىتىنى TikTok غا يۆتكىدى

خاماس: ئەگەر رافاھ تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىسا، مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش سۆھبىتى...

فىلىملەر

  • ئەبۇ ئۇبەيدە كىم؟ «يېڭى فىلىم»

    2023-11-15
  • خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىنى قانداق چۈشۈنىش كېرەك؟ (يېڭى فىلىم)

    2023-10-20
  • خىتاي تەھدىتى ئاسىيادىكى مۇداپىئە سىياسىتىنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟

    2023-08-06
  • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن» 2023-07-09

    2023-07-09
  • خىتاي, ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە قالدۇرغان «كۈچ بوشلۇقى» نى تولدۇرماقچىمۇ؟

    2023-07-08

يازما ئەسەرلەر

  • خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى

    2023-12-21
  • ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

    2023-12-09
  • ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» دىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

    2023-12-07
  • 📌 خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى

    2023-11-30
  • ھاماسنىڭ غەززەدىكى مەخپىي تونېل تورى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

    2023-10-29

ئاۋات تېمىلار

  • 1

    ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» دىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

    2023-12-07
  • 2

    📌 خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى

    2023-11-30
  • 3

    خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى

    2023-12-21
  • 4

    ئىسرائىلىيە قىسىملىرى جەنىن پاناھلانغۇچىلار لاگېرى بىلەن  ئۈچ  دوختۇرخانىنى قورشاۋغا ئالدى

    2023-11-30
  • 5

    ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

    2023-12-09

Footer - تەكلىماكان تەشۋىقات

تەكلىماكان تەشۋىقات لوگوسى

تەكلىماكان تەشۋىقات - ئۇنۋىرسال چوڭ توربىكەت. فىلىم، خەۋەر، ئىقتىساد، ماقالە ۋە رەسىملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تېز ئۇلانمىلار

  • باش بەت
  • ھەققىمىزدا
  • فىلىملەر
  • خەۋەرلەر
  • ئالاقىلىشىش

بۆلەكلەر

  • خەلىقئارا خەۋەر
  • ئىقتىسادى كۆزنەك
  • ماقالە
  • رەسىم
  • ۋىدېئو

ئالاقە

  • [email protected]

© 2023 تەكلىماكان تەشۋىقات. ھەققى مۇھاپىزەت قىلىنغان.

تەكلىماكان
  • باشبەت
  • فىلىملەر
    • كۈندىلىك خەۋەر
    • تارىخى فىلىم
    • بالىلار فىلىملىرى
    • سىياسىي فىلىم
    • تەبىئەت دۇنياسى
    • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن»
  • خەلقئارا خەۋەرلەر
    • ياۋروپا
    • ئاسىيا
    • چاقماق خەۋەر
    • ئوتتۇر شەرىق
    • ئىقتىسادى كۆزنەك
  • ماقالىلەر
    • دىننى ۋە تارىخى كىتابلار
    • بالىلار ئۈچۈن ئوقۇشلۇقى
    • سىياسىي ماقالىلەر
    • شېئىرلار
    • ئۈزۈندىلەر
    • ئۇيغۇر تىبابىتى
  • ئەسكىرىي يوللانمىلار
    • قورال ياراغلارنىڭ مەلۇماتلىرى
    • تارىختا ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ئۇرۇشلار
    • قسىقا ئەسكىري بىلىملەر
    • قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى
    • ھاۋا ئارمىيىسى
    • دېڭىز ئارمىيىسى
    • ئەسكىرى يېڭىلىقلار
  • ئاۋازلىق كىتاب
    • قۇرئان كەرىم «ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق تەرجىمىسى»
    • قىرائەت
      • ئەيمەن سۇۋەيدى
      • مۇھەممەد كوردى
      • ھانى ئەر رىفائى
    • شىرىن بۇلاق
    • تۆت خەلىپە
    • قۇتادغۇبىلىك
  • رەسىملەر
    • دىئاگرامما
    • تۈركىستان مەنزىرلىرى
    • pds لاھىيە رەسىملىرى
    • ئۇيغۇرچە خەرىتىلەر
    • تەكلىماكان لاھىيىسى
    • قورال-ياراغ
  • باشقىلار
    • دۆلەتلەر
    • ئۇيغۇر تىلى
    • ساغلاملىق
    • ئۇيغۇر تائاملىرى
    • مەشھۇر شەخسلەر

كۆرۈپ بىقىڭx

سانلارنى تۇتاشتۇرۇش ئويۇنى

رەڭلەرنى ئۆگىنىش

چىش ئاسراش