Home سىياسىي ماقالىلەرئامېرىكا بىرلا ۋاقىتتا خىتاي بىلەن روسىيەگە ئۇرۇش قىلالامدۇ؟

ئامېرىكا بىرلا ۋاقىتتا خىتاي بىلەن روسىيەگە ئۇرۇش قىلالامدۇ؟

by تەكلىماكان

يازغۇچى: تەتقىقاتچىسى رافائىل كوخېن

تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇراھمان

2022-يىل 3- ئاينىڭ 3- كۈنى پەيشەنبە…

روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھەربىي قەدىمى بىلەن ئامېرىكا ۋە غەربكە بولغان بېسىمىنى ئاشۇرۇۋاتقان بىر پەيىتتە، ۋاشىنگتوننىڭ ئاساسلىق ئىستراتېگىيىسى خىتايغا قارشى تۇرۇش ۋە خىتاينىڭ تەيۋەندە بۇنىڭغا ئوخشاش قەدەم بېسىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ھازىر ئامېرىكا بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ياكى ھەر ئىككىسىگە بىرلا ۋاقىتتا يۈزلىنىشنى تاللىشى كېرەك.

ئامېرىكىدىكى ئاقىللار ئامبىرى RAND شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ، ئامېرىكىنىڭ سابىق ھەربىي ئەزاسى رافائىل كوخېن مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنادا ئۇرۇش دۇمباقلىرى ياڭرىغاندا ئويلىمىغان يەردىن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.

كوخېن ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ روسىيەگە يول قويۇش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ روسىيەگە بولغان ھەر قانداق ئىنكاسى ئامېرىكىنىڭ خىتاينى توسۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ دەپ قارىدى.

ئوخشاشلا، خىتاي مەسىلىسىدىكى داڭلىق ھەربىي ئانالىزچىلىرىمۇ ئۇكرائىنادا ھەقىقىي ئۇرۇشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە دىققەت قىلدى. ۋە ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشغا يول قويۇلمايدۇ.

فوكىس خەۋەرلىرىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى تاكېر كارلسونمۇ ئالدىنقى ئايدا روسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتىن پەقەت خىتاينىڭلا پايدا ئالىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا ، ئامېرىكا بەزى مۇداپىئە ئىستراتېگىيىلىرىدە كۆرسىتىلگەندەك خىتاي، روسىيە، ئىران، چاۋشيەن ۋە تېرورلۇق، بۇ بەشى رەقىب بولۇپلا قالماستىن، ئۇلار ھەممىسىنىڭ بىردىنبىر رەقىبى خىتاي ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«بېشىدىن ۋە ئاخىرىغىچە خىتاي» پرىنسىپىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بۇ پىكىر مەكتىپى ئۈچ ئاساسىي پەرەزنى ئاساس قىلىدۇ:

1 – روسىيە ئاۋارىچىلىك بولسىمۇ، خىتاي ئامېرىكا رەھبەرلىك قىلغان يېڭى دۇنيانتەرتىپىگە جەڭ ئېلان قىلالايدىغان ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە.

2 – ئامېرىكىنىڭ خىتاي ۋە روسىيەنى بىرلا ۋاقىتتا بىر تەرەپ قىلىدىغان ھەربىي ئىقتىدارى يوق.

3 – ئامېرىكا خىتايغا ئەھمىيەت بېرىپ ، ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى روسىيەنى بىر تەرەپ قىلىشىقا تاشلاپ بېرىشى كېرەك.

ئىنچىكە تەكشۈرگەندە ، بۇ پەرەزلەرنىڭ ھېچقايسىسى توغرا ئەمەس. چۈنكى خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكا دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ رىقابەتچى. ئامېرىكا روسىيە مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلالمايدۇ. چۈنكى روسىيە بۇنىڭغا يول قويمايدۇ.

روسىيە كۆپ قېتىم ئامېرىكا سايلىمىغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇندى. روسىيە خاككېرلىرى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت تۇرۇبا يولىنىڭ بىرى بولغان تۇرۇبا يولى لىنىيەسىگە تور ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىپ، شەرقىي جەنۇبتىكى بىر قانچە شىتاتنى نەچچە كۈن گازسىز قالدۇردى. روسىيە ياللانما ئەسكەرلىرى ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى ئالاھىدە قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلدى.

روسىيە ئامېرىكىنى ئۆزىنىڭ «باش» دۈشمىنى دەپ قارايدۇ

كوخېن مۇنداق دېدى: گەرچە روسىيە ئىستراتېگىيىلىك جەھەتتىن بىئارام بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنى ئۆزىنىڭ «باش» دۈشمىنى دەپ قارايدۇ ، شۇڭا ئامېرىكا چوقۇم ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى كېرەك.

ئامېرىكىنىڭ خىتاي ۋە روسىيەگە بىرلا ۋاقىتتا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بولمىسا ، ھېچقىسى يوق. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ (بەشبۇرجەكلىك بىنا) خامچوتىنىڭ ھەمىشە چەكلىك بولىدىغانلىقىمۇ ھەقىقەت. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئورۇشىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە ئامېرىكا ھەربىي چىقىمىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى بۈگۈنكى كۈندە بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى. ئەگەر ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ۋە دېموكراتچىلار پارتىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيىسى كومىتېتى تەۋسىيە قىلغاندەك كۆپەيتىلسە، بۇ ھالەت ئۆزگىرىشى مۇمكىن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، ياۋروپا ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى بايلىق جەھەتتە رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئەمەس. ئادەتتە ياۋروپاغا نىسبەتەن تەھدىد ئادەتتە ئېغىر تىپتىكى برونېۋىكلار. شۇڭا ياۋروپا ھىندى ۋە تېنچ ئوكيان قاتارلىق دېڭىز-ئوكيان رايونلىرىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى ، ئامېرىكىنىڭ ھاۋا كۈچى ھەر ئىككى رايونغا كېڭەيدى. بۇ كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا تېخىمۇ كۆپ ھاۋا كۈچىگە ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى.

قىسقا مۇددەت ئىچىدە، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز كۈچىدىنمۇ چوڭ ھاۋا كۈچى ئامېرىكىغا ياردەم بېرىدۇ. بۇ ئارقىلىق تور دائىرىسىنى تېز كېڭىيتىش ئارقىلىق ، ھەر ئىككى تەھدىتكە تاقابىل تۇرالايدۇ.

كوخېن بەلكىم «خىتاي بىلەن روسىيەنى ئايرىم مەسىلە دەپ قاراش» ئۆزىنىڭ بىر خاتالىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا كۆپىنچە ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا موھتاج. مەسىلەن، ئەنگىلىيە يېقىندا ئاۋىستىرالىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى كېلىشىمى تۈزۈشكە ياردەملىشىپ، ھىندى ئوكياندىكى ئىتتىپاقداش دېڭىز ئارمىيىسىنى قوللىدى. فرانسىيە يەنىلا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە، گېرمانىيە يېقىندا بۇ رايونغا پاراخوت ئەۋەتتىئ. ئەگەر ئامېرىكا روسىيە مەسىلىسىنى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە تاشلاپ قويسا ، ياۋروپانىڭ خىتاي مەسىلىسىنى ئامېرىكىغا تاشلاپ قۇيۇشىغا نېمە توسالغۇ بولالايدۇ؟

كوھېننىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئەگەر روسىيە ياۋروپادا جازالانماي ھەرىكەت قىلسا ، ئۇنداقتا خىتايمۇ ئاسىياغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلالايدىكەن.

ئەلۋەتتە، تەيۋەننىڭ ئۇكرائىناغا ئوخشىماسلىقى ۋە ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا ئوخشىماسلىقىنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بار.

ئەمما مۇھىمى شۇكى ، ئەگەر بىز ئولتۇرۇپ ھوقۇقدار ھاكىمىيەتلەرنىڭ كىچىك دېموكراتىك قوشنىلىرىنى ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماي بويسۇندۇرۇشىغا يول قويساق ، ئۇ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا كۈچلۈك سىگنال بولۇپ يول ئېچىپ بېرىدۇ.

شەك-شۈبھىسىزكى ، «بېشىدىن ۋە ئاخىرىغىچە خىتاي» پرىنسىپىنى ئاساس قىلغان بۇ مەكتەپنىڭ مەلۇم جەلپ قىلىش كۈچى بار. بەختكە قارشى ، جۇغراپىيىلىك سىياسىي رېئاللىق بۇنداق ئازايتىشقا يول قويمايدۇ. كوخېننىڭ سۆزىگە قارىغاندا ، ئامېرىكا ئىلگىرى تىلغا ئېلىنغان تاللاشلارنىڭ بىرىنى تاللىشىنىڭ ھاجىتى يوق ، بەلكى ئۇ ئىككى دۆلەت بىلەن بولغان كۈرىشىنى بىرلەشتۈرىدىغان ئىستراتېگىيىگە موھتاج.

Related Articles

Leave a Comment