تەكلىماكان
تەكلىماكان
تەكلىماكان
تەكلىماكان
  • Home
  • Buy Now
Copyright 2021 - All Right Reserved
ئۆي سىياسىي ماقالىلەرسەئۇدى ئەرەبىستان-خىتاي مۇناسىۋىتى كېچىكىپ قۇرۇلغان بولسىمۇ «ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق» قا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە

سەئۇدى ئەرەبىستان-خىتاي مۇناسىۋىتى كېچىكىپ قۇرۇلغان بولسىمۇ «ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق» قا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە

تەرىپىدىن تەكلىماكان 2022-03-20
Share 0FacebookTwitterPinterestThreadsBlueskyEmail
1.3K
قىزىقىشىڭىز مۇمكىن
  • ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس
    2020-09-19
  • مۇھەممەد_ئەلەيھىسسالامنىڭ_تەرجىمھالى
    2020-09-16
  • خىتاي تەيۋەنگە قاچان ۋە قانداق ھۇجۇم قىلىدۇ؟
    2022-08-10
  • روسىيەنىڭ ئامېرىكىغا قارشى ئىستىراتىگىيسى
    2022-01-08
  • خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى
    2023-12-21
  • سانلارنى تۇتاشتۇرۇش ئويۇنى
    2020-09-16

مەنبە: ئانادولو ئاگېنتلىقى

تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن

2022-يىلى 20-مارت ، يەكشەنبە

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سالمان ئوتتۇرىسىدىكى «سوغۇق مۇناسىۋەت» داۋاملىشىۋاتقاندا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى گەرچە كېچىكىپ باشلانغان بولسىمۇ، ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىققا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن خىتاي، سەئۇدىنىڭ خىتايغا نېفىت ئېكسپورتىنى خىتاي پۇلى ئارقىلىق قىلىش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىۋاتقان ئىكەن. خەۋەردە يەنە،  ئەگەر بۇ ئىش ئەمەلىيلەشسە «يەر شارى ئىقتىسادىدىكى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك قەدەم» دەپ كۆرسىتىلدى ھەمدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تاشلانغان بۇ قەدەمنىڭ نېفىت سودىسىدىكى ئاساسلىق پۇل بولغان دوللارنىڭ ئورنىنى مۇقىمسىزلاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ ئەھۋال ۋاشىنگتوننىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان نارازىلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

گېزىتنىڭ بۇ توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭنى  سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە تەكلىپ قىلغانلىقى ۋە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ رىياد بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تېخىمۇ يىرىكلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇزۇلغان مۇناسىۋەتتىن ھەربىي ھەمكارلىققىچە

گەرچە خىتاي ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى دەپ قارالسىمۇ، ئەمما ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئۇزۇندىن بۇيان ئۈزۈلۈپ قالدى.

1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان تەيۋەنگە جايلاشقان مىللىي خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان ئامېرىكا تەرەپتە تۇرۇپ، 1975-يىلغىچە يىراق شەرقتىكى بۇ دۆلەتنى رەسمىي ئېتىراپ قىلمىدى.

رىياد ھۆكۈمىتى دەسلەپتە تەيۋەننى ئېتىراپ قىلغاچقا، خىتاينى رەسمىي ئېتىراپ قىلىپ 15 يىلدىن كېيىن ئۆز-ئارا باش ئەلچى تەيىنلەش ئېلىپ بېرىلدى. بۇ جەرياندا 1980-يىلغىچە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكىنىڭ  F-15كۈرەشچى ئايروپىلانى ئۈچۈن ماي باكىنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا سېتىشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن رىياد بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك كرىزىستنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ماي باكىنى سېتىۋېلىشتا باشقا دۆلەتلەرنى ئىزدەۋاتقان سەئۇدى ئۈچۈن «خىتاي» تاللاش ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم نامزاتلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، خىتاينىڭ رىياد ھۆكۈمىتىگە يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان 50 بىلەن 60 ئارىسىدا «دوڭفېڭ 3» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سېتىش كېلىشىمى ئىمزالىنىپ ئۈچ يىلدىن كېيىن،  يەنى 1985-يىلى 11-ئايدا تۇنجى قېتىملىق رەسمىي ئۇچرىشىشى ئوماندا ئۆتكۈزۈلگەن.

ئامېرىكا 1988-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاندا خىتاي ياسىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسىنى بايقىشى، ۋاشىنگتون بىلەن رىياد ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە يەنە بىر كرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شۇنداق بولىشىغا قارىماستىن سەئۇدى ئەرەبىستان بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ساقلاپ كەلدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت 1990-يىللىرى سەئۇدى ئەرەبىستان تەيۋەن بىلەن 40 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان مۇناسىۋەتنى ئۈزگەندىن كېيىن باشلاندى.

2016-يىلى خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭنىڭ رىياد زىيارىتىدىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ 2017-يىلى خىتايغا قىلغان رەسمىي زىيارىتى بىلەن مۇناسىۋىتى جانلاندى.

ئامېرىكىنى تاللاشنىڭ ئورنىغا « خىتاي »

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي بىلەن سەئۇدى پادىشاھ سالماننىڭ زىيارىتى جەريانىدا 65 مىليارد دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالىغان.

ئامېرىكا رىيادنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلغانلىقتىن، خىتاي بىلەن سەئۇدى ئوتتۇرسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەر ئىچىدە خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان زاۋۇتى قۇرۇش پىلانىمۇ بار ئىكەن.  

ئامېرىكا سابىق پرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ باشقا دۆلەتكە مۇراجىئەت قىلماسلىقى ئۈچۈن تىنچ يادرو پىلانىنى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە قوشۇلدى. ئەمما مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۆھبەت مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى.

«ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان 2020-يىلى خىتاينىڭ ياردىمى بىلەن تىنچ يادرو ئەسلىھەلىرى قۇرۇشقا باشلىغان.

ئامېرىكا CNN قانىلىنىڭ 2021-يىلى 9-ئايدىكى خەۋىرىدە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەت ۋە ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ قارىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان خىتاينىڭ ياردىمىدە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.

خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ساۋ لىچېن: «خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئىستراتېگىيىلىك شېرىك، ھەربىي سودا قاتارلىق ساھەلەردە دوستانە ھەمكارلىقنى ساقلايدۇ.»

سودا مىقدارى 22 ھەسسە ئاشتى

سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا سوممىسى 2000-يىلى 3 مىليارد دوللار بولغان بولسا، 2020-يىلى 67 مىليارد دوللارغا ئۆرلىگەن بولۇپ، 20 يىلدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى 22 ھەسسە ئاشقان.

خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى، ئۇنىڭدىن قالسا ئامېرىكا. سەئۇدى ئەرەبىستان بولسا خىتاينىڭ غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى.

سەئۇدى ئەرەبىستان يېقىنقى يىللاردا، خىتاينىڭ قوشنىسى ۋە ئىتتىپاقدىشى روسىيەدىن ئېشىپ، يىراق شەرق دۆلىتىگە ئەڭ كۆپ نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلاندى.

قىزىقىشىڭىز مۇمكىن
  • ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس
    2020-09-19
  • مۇھەممەد_ئەلەيھىسسالامنىڭ_تەرجىمھالى
    2020-09-16
  • خىتاي تەيۋەنگە قاچان ۋە قانداق ھۇجۇم قىلىدۇ؟
    2022-08-10
  • روسىيەنىڭ ئامېرىكىغا قارشى ئىستىراتىگىيسى
    2022-01-08
  • خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى
    2023-12-21
  • سانلارنى تۇتاشتۇرۇش ئويۇنى
    2020-09-16
ئامېرىكاباللىستىك باشقۇرۇلدىغان بومباخىتايسەئۇدى ئەرەبىستانيادرو
Share 0 FacebookTwitterPinterestThreadsBlueskyEmail

باھا يېزىڭ جاۋابنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش

ئالدىنقى يازما
ئامېرىكا ۋە خىتاي رەھبەرلىرى ئۇكرائىنانى مەسىلىسى ئۈچۈن كۆرۈشتى
كېيىنكى يازما
4 سوئالدا ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى «خىتاي-روسىيە» مۇناسىۋىتى

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» دىن...

خەرىتە | ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى ئىشغال قىلىشىدىكى ئەڭ يېڭى...

📌 خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى

ھاماسنىڭ غەززەدىكى مەخپىي تونېل تورى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

تەھلىل | خىتاينىڭ ئىقتىسادى غەرب مۆلچەرلىگەندەك ئۇنچىۋالا كۈچلۈك...

روسىيە ئېغىر خاتالىقىدىن ساۋاق ئېلىپ تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ

تىز ياردەم بىرىش قىسمى بىلەن سۇدان ئارمىيىسى ئوتتۇرسىدىكى...

فىلىملەر

  • ئەبۇ ئۇبەيدە كىم؟ «يېڭى فىلىم»

    2023-11-15
  • خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىنى قانداق چۈشۈنىش كېرەك؟ (يېڭى فىلىم)

    2023-10-20
  • خىتاي تەھدىتى ئاسىيادىكى مۇداپىئە سىياسىتىنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟

    2023-08-06
  • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن» 2023-07-09

    2023-07-09
  • خىتاي, ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە قالدۇرغان «كۈچ بوشلۇقى» نى تولدۇرماقچىمۇ؟

    2023-07-08

يازما ئەسەرلەر

  • خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى

    2023-12-21
  • ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

    2023-12-09
  • ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» دىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

    2023-12-07
  • 📌 خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى

    2023-11-30
  • ھاماسنىڭ غەززەدىكى مەخپىي تونېل تورى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

    2023-10-29

ئاۋات تېمىلار

  • 1

    ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» دىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

    2023-12-07
  • 2

    📌 خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى

    2023-11-30
  • 3

    خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى

    2023-12-21
  • 4

    ئىسرائىلىيە قىسىملىرى جەنىن پاناھلانغۇچىلار لاگېرى بىلەن  ئۈچ  دوختۇرخانىنى قورشاۋغا ئالدى

    2023-11-30
  • 5

    ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

    2023-12-09

Footer - تەكلىماكان تەشۋىقات

تەكلىماكان تەشۋىقات لوگوسى

تەكلىماكان تەشۋىقات - ئۇنۋىرسال چوڭ توربىكەت. فىلىم، خەۋەر، ئىقتىساد، ماقالە ۋە رەسىملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تېز ئۇلانمىلار

  • باش بەت
  • ھەققىمىزدا
  • فىلىملەر
  • خەۋەرلەر
  • ئالاقىلىشىش

بۆلەكلەر

  • خەلىقئارا خەۋەر
  • ئىقتىسادى كۆزنەك
  • ماقالە
  • رەسىم
  • ۋىدېئو

ئالاقە

  • [email protected]

© 2023 تەكلىماكان تەشۋىقات. ھەققى مۇھاپىزەت قىلىنغان.

تەكلىماكان
  • باشبەت
  • فىلىملەر
    • كۈندىلىك خەۋەر
    • تارىخى فىلىم
    • بالىلار فىلىملىرى
    • سىياسىي فىلىم
    • تەبىئەت دۇنياسى
    • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن»
  • خەلقئارا خەۋەرلەر
    • ياۋروپا
    • ئاسىيا
    • چاقماق خەۋەر
    • ئوتتۇر شەرىق
    • ئىقتىسادى كۆزنەك
  • ماقالىلەر
    • دىننى ۋە تارىخى كىتابلار
    • بالىلار ئۈچۈن ئوقۇشلۇقى
    • سىياسىي ماقالىلەر
    • شېئىرلار
    • ئۈزۈندىلەر
    • ئۇيغۇر تىبابىتى
  • ئەسكىرىي يوللانمىلار
    • قورال ياراغلارنىڭ مەلۇماتلىرى
    • تارىختا ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ئۇرۇشلار
    • قسىقا ئەسكىري بىلىملەر
    • قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى
    • ھاۋا ئارمىيىسى
    • دېڭىز ئارمىيىسى
    • ئەسكىرى يېڭىلىقلار
  • ئاۋازلىق كىتاب
    • قۇرئان كەرىم «ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق تەرجىمىسى»
    • قىرائەت
      • ئەيمەن سۇۋەيدى
      • مۇھەممەد كوردى
      • ھانى ئەر رىفائى
    • شىرىن بۇلاق
    • تۆت خەلىپە
    • قۇتادغۇبىلىك
  • رەسىملەر
    • دىئاگرامما
    • تۈركىستان مەنزىرلىرى
    • pds لاھىيە رەسىملىرى
    • ئۇيغۇرچە خەرىتىلەر
    • تەكلىماكان لاھىيىسى
    • قورال-ياراغ
  • باشقىلار
    • دۆلەتلەر
    • ئۇيغۇر تىلى
    • ساغلاملىق
    • ئۇيغۇر تائاملىرى
    • مەشھۇر شەخسلەر

كۆرۈپ بىقىڭx

سانلارنى تۇتاشتۇرۇش ئويۇنى

رەڭلەرنى ئۆگىنىش

چىش ئاسراش