2022-يىلى 4-ئاينىڭ 07-كۈنى ، پەيشەنبە
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن
- روسىيە پرېزىدېنتىنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى، موسكۋانىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا قانداق قارايدىغانلىقى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە خىتاينىڭ ئەندىشىسى ۋە لىبېرالىزىمنىڭ تەقدىرى ھەققىدە پۇتىننىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى «سېرگېي كاراگانوف» بىلەن ئەنگىلىيە «Newsitsman» ژۇرنىلىنىڭ سۆھبىتى
برۇنو ماكىس: سىزنىڭچە بۇ روسىيە ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك پەيتمۇ؟
• سېرگېي كاراگانوف: مەن شۇنداق دېيەلەيمەن، بۇ بىر مەۋجۇتلۇق ئۇرۇشى. ئەگەر بىز قانداقتۇر غەلىبە قىلالمىساق، مېنىڭچە ھەر خىل كۈتۈلمىگەن سىياسىي ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ، بۇ ئاقىۋەت 90-يىللارنىڭ بېشىدىكىگە قارىغاندا ناچارراق. ئەمما مېنىڭچە بىز ئۇنىڭدىن ساقلىنىمىز، چۈنكى بىرىنچىدىن، روسىيە غەلىبە قىلىدۇ، ئىككىنچىدىن، بىزنىڭ كۈچلۈك ۋە مۇستەھكەم ھاكىمىيەت بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، ھەر قانداق ئەھۋالدا ياكى ئەڭ ناچار ئەھۋال يۈز بەرگەندە، ھەل قىلىش چارىسى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. دۆلەتنىڭ بېشىغا، دۆلەتنى ساقلاپ قېلىش ياكى يىمىرىلىش ئاقىۋىتى كېلىدۇ، مېنىڭچە بۇ ئەڭ چوڭ ئېھتىماللىق دۆلەتنى تېخىمۇ زالىم ھاكىمىيەتكە ئايلاندۇرىدۇ. مەغلۇبىيەتكە كەلسەك ، بۇنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
برۇنو ماكىس: نېمەمەغلۇبىيەت ھېسابلىنىدۇ؟
• سېرگېي كاراگانوف: بىلمەيمەن، بىز غەلىبىگە موھتاج، مېنىڭچە ئۇكرائىنانى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلساقمۇ، ئۇكرائىنانىڭ بارلىق ھەربىي قىسىملىرى تەسلىم بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ غەلىبە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا بىز ئېغىر ۋەيرانچىلىقنىڭ يۈكىنى توشۇيمىز، ئوكرائىنا 30 يىللىق ئىقتىدارسىزلىق ۋە سەرخىل ھۆكۈمرانلىق بىلەن ۋەيران بولغان دۆلەت، بىزنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىمىز بىلەن يەنە ۋەيران بولىدۇ ئەلۋەتتە. شۇڭا مېنىڭچە بەزى ۋاقىتلاردا بىز تىنچلىق دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ھەل قىلىش چارىسىگە موھتاج ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇكرائىنا زېمىنىدا مەلۇم خىل ھاياتى كۈچكە ئىگە، روسىيەنى قوللايدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋە دونباس ئۈچۈن ھەقىقىي بىخەتەرلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
برۇنو ماكىس: ئەگەر ھازىرقى قاتمال ھالەت داۋاملاشسا، بۇ مەغلۇبىيەت بولامدۇ؟
• سېرگېي قاراگانوف: قاتمال ھالەت كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ. ياق، مېنىڭچە بۇ مۇمكىن ئەمەس، مەن ئۇنىڭ ئۇلغىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرەيمەن، چۈنكى ئۇكرائىنا زېمىنىدا تۈگىمەس جەڭ قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
برۇنو ماكىس: سىز ئىككىنچى قېتىم ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتىڭىز، «يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش» بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
• سېرگېي كاراگانوف: شۇنداق ، بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە تىركىشىش مەۋجۇتلۇق تەھدىتى ئالدىدا غەلىبە ياكى ئاتالمىش مەغلۇبىيەتتىن دېرەك بېرىدۇ ، روسىيە تىركىشىپ چىقالايدۇ، دۇنيادا روسىيە تىركىشىپ چىقالايدىغان نۇرغۇن جايلار بار ، ھەمدە ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە سۈركىلىشى بار.
برۇنو ماكىس: شۇڭا سىز دىمەكچى: بىر تەرەپتىن، ئەگەر روسىيە ئۈچۈن مەۋجۇتلۇق خەۋىپى بولسا يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى كۈچىيىشى مۇمكىن، يەنە بىر تەرەپتىن، باشقا رايونلاردىكى توقۇنۇشقا قاراپ كۈچىيىشىمىز مۇمكىن. بۇ توغرىمۇ؟
• سېرگېي كاراگانوف: مەن بۇ سۆزىڭىزنى رەت قىلمايمەن، بىز پۈتۈنلەي يېڭى ئىستراتېگىيىلىك ۋەزىيەتتە ياشاۋاتىمىز، ئەقىل مېنىڭ نېمە دېيىشىمنى بەلگىلەيدۇ.