2022-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى، يەكشەنبە
ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى تەيۋەننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنلا، خىتاينىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكى دىققەتنى تارتتى.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىدە «ئىغۋاگەرچىلىك» مەقسىتىنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇ رايوندىكى جىددىيلىكنى كۈچەيتىۋەتمەكچى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاينىڭ ھەربىي مەنبەلەردە خىتاي ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ قوغدىغۇچى، بومباردىمانچى، كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى شەرقىي دېڭىز ۋە تەيۋەن ئەتراپىغا ئەۋەتىلگەنلىكى يېزىلغان.
ھەربىي مەنبەلەرنىڭ يەنە بىر باياناتىدا، ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارىتىنى تىلغا ئالماي تۇرۇپ: «بۇ ھەرىكەت، يېقىندا تەيۋەن مەسىلىسىدە ئۆزى قىزىقىدىغان ئىستراتېگىيىنى يولغا قويغان ئامېرىكىغا بېرىلگەن جاۋاب» دېيىلگەن.
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئايرىم باياناتىدا، ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ قەستەن ئىغۋاگەرچىلىك ئىكەنلىكىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيلىكنى كۈچىيىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
ئامېرىكا ۋەكىللىرىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشى ۋە تەيۋەننى «بىر دۆلەت» دەپ كۆرسىتىشى خىتاينىڭ قاتتىق ئىنكاسىنى قوزغىدى. شۇ سەۋەبتىن، تەيۋەن بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى «جىددىيلىكنىڭ مەنبەسى» دەپ ئاتالغان.