تەكلىماكان
تەكلىماكان
تەكلىماكان
تەكلىماكان
  • Home
  • Buy Now
Copyright 2021 - All Right Reserved
ئۆي سىياسىي ماقالىلەرھىندىستان، ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان دۇنيا ئاشلىق كرىزىسىنى ھەل قىلالامدۇ؟

ھىندىستان، ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان دۇنيا ئاشلىق كرىزىسىنى ھەل قىلالامدۇ؟

تەرىپىدىن تەكلىماكان 2022-04-19
Share 0FacebookTwitterPinterestThreadsBlueskyEmail
1.2K
قىزىقىشىڭىز مۇمكىن
  • ئامېرىكا «ئۆزەك ئۇرۇشى» ئارقىلىق خىتاي ئەتراپىغا تېخنىكا توسمىسى ياساۋاتىدۇ
    2022-11-02
  • تۈرۈك تىلىدىن ئاساس
    2020-09-16
  • ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشقا قاتنىشىشنى رەت قىلغان خىتاي «تىنچلىقنى قوغداش ئىستراتېگىيىسى» نى ئوتتۇرىغا قويدى
    2022-04-04
  • شىمالى ئېقىم 2 تۈرى نېمە؟ بۇ تۈرنىڭ گېرمانىيە، روسىيە ۋە ياۋروپا ئۈچۈن قانداق ئەھمىيىتى بار؟
    2022-02-15
  • تۈرگە ئايرىش ئويۇنى
    2020-09-16
  • تەھلىل | خىتاينىڭ ئىقتىسادى غەرب مۆلچەرلىگەندەك ئۇنچىۋالا كۈچلۈك ئەمەس
    2023-08-10

مەنبە: Yeni Delhi/Şarku’l Avsat

تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن

2022-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى، سەيشەنبە

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىنغا، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان يىمەكلىكنىڭ يېتىشمەسلىك ۋە باھانىڭ ئۆرلىشىگە قارىتا، دۆلىتىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئاشلىق يەتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مودى مۇنداق دېدى: ھىندىستاننىڭ 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسى ئۈچۈن يېتەرلىك ئاشلىق بار، ئەگەر دۇنيا سودا تەشكىلاتى رۇخسەت قىلسا، ھىندىستان دۇنيانى ئاشلىق زاپىسى بىلەن تەمىنلەشكە تەييار.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېمەكلىك ۋە دېھقانچىلىق تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، يەر شارىدىكى ھوسۇلى مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتىن ئىلگىرىلا تاۋار باھاسى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن، بۇ باھا يەنە شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، 1990-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى.

روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بۇغداي ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، يەر شارى يىللىق بۇغداي سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى، يەر شارى يىللىق ئاپتاپپەرەس مېيى ئېكسپورتىنىڭ % 55 نى، كۆممىقوناق ۋە ئارپا ئېكسپورتىنىڭ% 17 نى ئىگىلەيدۇ.

UNFAO نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ يىل بىرلىكتە 14 مىليون توننا بۇغداي ۋە 16 مىليون توننىدىن ئارتۇق كۆممىقوناق ئېكسپورت قىلىشى مۆلچەرلەنگەن.

UNFAO نىڭ ئىقتىسادشۇناسى Upali Galketi Aratchilage مۇنداق دېدى: «ھىندىستان يېتەرلىك بۇغداي زاپىسى بولغاچقا تېخىمۇ كۆپ ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنالايدۇ» دېدى.

ھىندىستان دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ گۈرۈچ ۋە بۇغداي ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت. 4-ئاينىڭ بېشىدا، ھىندىستاننىڭ قولىدا 74 مىليون توننا گۈرۈچ ۋە بۇغداي بار ئىدى.

ھىندىستان يەنە دۇنيادىكى ئەڭ ئەرزان بۇغداي ۋە گۈرۈچ بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ بىرى.

ئۇ ھازىر تەخمىنەن 150 دۆلەتكە گۈرۈچ، 68 دۆلەتكە بۇغداي ئېكسپورت قىلىدۇ. ھىندىستان 2020-2021-يىللىرى تەخمىنەن 7 مىليون توننا بۇغداي ئېكسپورت قىلغان.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، خەلقئارا بازاردىكى ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىغا قارىتا، سودىگەرلەر ئاپرېل-ئىيۇل ئايلىرىدا 3 مىليون توننىدىن ئارتۇق بۇغداي ئېكسپورت قىلىش توختامى ئىمزالىغان.

ھىندىستان خەلقئارا ئىقتىسادىي تەتقىقات كېڭىشىنىڭ دېھقانچىلىق پروفېسسورى ئاشوك گۇلاتىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ بۇ يىل 22 مىليون توننا گۈرۈچ ۋە 16 مىليون توننا بۇغداي ئېكسپورت قىلىش ئىقتىدارى بار ئىكەن.

گۇلاتى مۇنداق دېدى: «ئەگەر دۇنيا سودا تەشكىلاتى دۆلەت ئاشلىق زاپىسىنى ئېكسپورت قىلىشقا يول قويسا،  ھىندىستان يىمەكلىك باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ، دۇنيادىكى بوغداي ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ» دېدى.

ئەمما ھىندىستاننىڭ ئاشلىق كرىزىسىنى ھەل قىلىش مەسىلىسىدە يەنىلا بىر قىسىم قىينچىلىلارغا دۇچ كېلىدۇ.

دېھلىدىكى ئاقىللار ئامبىرى سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى خارىش داموداران مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ھازىر يېتەرلىك ئاشلىق زاپىسىمىز بار. ئەمما بەزى ئەندىشىلەر بار، بىز دۇنيانى تەمىنلەشتە چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك».

داموداراننىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بىرىنچىدىن، ئوغۇت يېتىشمەسلىك ۋە ھاۋارايى شارائىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن ھوسۇلنىڭ مۆلچەردىكىدىن ئاز بولىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىنغان.

داموداران مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە بىز ئىشلەپچىقىرىشنى مۇبالىغە قىلىۋاتىمىز».

ھىندىستاننىڭ يېڭى بۇغداي پەسلى باشلاندى ، ئەمەلدارلار 111 مىليون توننا ھوسۇل ئېلىشنى مۆلچەرلىدى.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر داموداراننىڭ ئەندىشىسىنى قوللاپ مۇنداق دېدى: ئۇرۇشتىن كېيىن ھىندىستاننىڭ ئوغۇت زاپىسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى.

ھىندىستان چەتئەلدىن ئاممونىي فوسفات، ئازوت، فوسفات، گۈڭگۈرت ۋە كالىي بولغان ئوغۇتلارنى ئىمپورت قىلىدۇ.

رۇسىيە ۋە بېلورۇسىيە دۇنيا كالىي ئېكىسپورتىنىڭ %40 نى ئىگىلەيدۇ. دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا، تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ ئۆرلىشى سەۋەبىدىن ئوغۇت باھاسى ئاللىقاچان يۇقىرى ئۆرلەپ بولغان.

ئوغۇت يېتىشمەسلىك كېيىنكى ھوسۇل مەزگىلىدە ئىشلەپچىقىرىشقا ئاسانلا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

داموداران مۇنداق دېدى: بۇ قىيىنچىلىقنى ئايلىنىپ ئۆتۈشنىڭ بىر ئۇسۇلى بولسا ھىندىستان، مىسىر ۋە ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن «ئوغۇت قارشىلىقىدا بۇغداي كېلىشىمى» تۈزۈش كېرەك. ئەگەر ئۇرۇش داۋاملاشسا، ھىندىستان ئېكسپورتنى ئاشۇرۇشتا ئارقا سەپ تەمىناتى قىس بولۇشىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

ئاراتچىلاگې مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئۇرۇش داۋاملاشسا، ھىندىستاننىڭ زور مىقداردىكى ئاشلىق ئېكسپورتى توشۇش، ساقلاش ۋە پاراخوت قاتارلىق غايەت زور ئۇل ئەسلىھەلەرگە ئېھتىياجلىق بولغاچقا، ئېكسپورتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئارقا سەپ خىرىسىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن».

ئاخىرىدا، ھىندىستاندا يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا. 3-ئايدىكى پۇل پاخاللىقى 16 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى. بۇ ئاساسلىقى يېمەكلىك، ماي، كۆكتات، دان، سۈت، گۆش ۋە بېلىقلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىن كېلىپ چىققان.

ئاقىللار ئامبىرى IFPRI نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، روسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى يەر شارىنىڭ يېمەكلىك كرزىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋېتىشى مۇمكىن.

UNFAO نىڭ مۆلچەرىچە، روسىيە ۋە ئۇكرائىنادىن بۇغداي، ئوغۇت ۋە باشقا تاۋارلارنىڭ ئېكسپورتىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى دۇنيادىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەنلەرنىڭ سانىنى سەككىز مىليوندىن 13 مىليونغا كۆپەيتىشى مۇمكىن.

گەرچە مول زىرائەتلەر ۋە يېمەكلىك زاپىسى بولسىمۇ، ھىندىستاندىكى ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق بالىدا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكى ئەھۋالى مەۋجۇت.

قىزىقىشىڭىز مۇمكىن
  • ئامېرىكا «ئۆزەك ئۇرۇشى» ئارقىلىق خىتاي ئەتراپىغا تېخنىكا توسمىسى ياساۋاتىدۇ
    2022-11-02
  • تۈرۈك تىلىدىن ئاساس
    2020-09-16
  • ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشقا قاتنىشىشنى رەت قىلغان خىتاي «تىنچلىقنى قوغداش ئىستراتېگىيىسى» نى ئوتتۇرىغا قويدى
    2022-04-04
  • شىمالى ئېقىم 2 تۈرى نېمە؟ بۇ تۈرنىڭ گېرمانىيە، روسىيە ۋە ياۋروپا ئۈچۈن قانداق ئەھمىيىتى بار؟
    2022-02-15
  • تۈرگە ئايرىش ئويۇنى
    2020-09-16
  • تەھلىل | خىتاينىڭ ئىقتىسادى غەرب مۆلچەرلىگەندەك ئۇنچىۋالا كۈچلۈك ئەمەس
    2023-08-10
ئاشلىقئۇكرائىنابۇغدايروسىيەروسىيە ئوكرائىنا ئۇرۇشىگۈرۈچھىندىستان
Share 0 FacebookTwitterPinterestThreadsBlueskyEmail

باھا يېزىڭ جاۋابنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش

ئالدىنقى يازما
خىتاي تەيۋەن ئەتراپىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى
كېيىنكى يازما
تەھلىل: خىتاينى توسۇش ئۈچۈن ئامېرىكا چوقۇم تەيۋەننى تېزدىن قوراللاندۇرۇشى كېرەك

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» دىن...

خەرىتە | ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى ئىشغال قىلىشىدىكى ئەڭ يېڭى...

📌 خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى

ھاماسنىڭ غەززەدىكى مەخپىي تونېل تورى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

تەھلىل | خىتاينىڭ ئىقتىسادى غەرب مۆلچەرلىگەندەك ئۇنچىۋالا كۈچلۈك...

روسىيە ئېغىر خاتالىقىدىن ساۋاق ئېلىپ تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ

تىز ياردەم بىرىش قىسمى بىلەن سۇدان ئارمىيىسى ئوتتۇرسىدىكى...

فىلىملەر

  • ئەبۇ ئۇبەيدە كىم؟ «يېڭى فىلىم»

    2023-11-15
  • خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىنى قانداق چۈشۈنىش كېرەك؟ (يېڭى فىلىم)

    2023-10-20
  • خىتاي تەھدىتى ئاسىيادىكى مۇداپىئە سىياسىتىنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟

    2023-08-06
  • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن» 2023-07-09

    2023-07-09
  • خىتاي, ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە قالدۇرغان «كۈچ بوشلۇقى» نى تولدۇرماقچىمۇ؟

    2023-07-08

يازما ئەسەرلەر

  • خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى

    2023-12-21
  • ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

    2023-12-09
  • ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» دىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

    2023-12-07
  • 📌 خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى

    2023-11-30
  • ھاماسنىڭ غەززەدىكى مەخپىي تونېل تورى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

    2023-10-29

ئاۋات تېمىلار

  • 1

    ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» دىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

    2023-12-07
  • 2

    📌 خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى

    2023-11-30
  • 3

    خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى

    2023-12-21
  • 4

    ئىسرائىلىيە قىسىملىرى جەنىن پاناھلانغۇچىلار لاگېرى بىلەن  ئۈچ  دوختۇرخانىنى قورشاۋغا ئالدى

    2023-11-30
  • 5

    ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

    2023-12-09

Footer - تەكلىماكان تەشۋىقات

تەكلىماكان تەشۋىقات لوگوسى

تەكلىماكان تەشۋىقات - ئۇنۋىرسال چوڭ توربىكەت. فىلىم، خەۋەر، ئىقتىساد، ماقالە ۋە رەسىملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تېز ئۇلانمىلار

  • باش بەت
  • ھەققىمىزدا
  • فىلىملەر
  • خەۋەرلەر
  • ئالاقىلىشىش

بۆلەكلەر

  • خەلىقئارا خەۋەر
  • ئىقتىسادى كۆزنەك
  • ماقالە
  • رەسىم
  • ۋىدېئو

ئالاقە

  • [email protected]

© 2023 تەكلىماكان تەشۋىقات. ھەققى مۇھاپىزەت قىلىنغان.

تەكلىماكان
  • باشبەت
  • فىلىملەر
    • كۈندىلىك خەۋەر
    • تارىخى فىلىم
    • بالىلار فىلىملىرى
    • سىياسىي فىلىم
    • تەبىئەت دۇنياسى
    • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن»
  • خەلقئارا خەۋەرلەر
    • ياۋروپا
    • ئاسىيا
    • چاقماق خەۋەر
    • ئوتتۇر شەرىق
    • ئىقتىسادى كۆزنەك
  • ماقالىلەر
    • دىننى ۋە تارىخى كىتابلار
    • بالىلار ئۈچۈن ئوقۇشلۇقى
    • سىياسىي ماقالىلەر
    • شېئىرلار
    • ئۈزۈندىلەر
    • ئۇيغۇر تىبابىتى
  • ئەسكىرىي يوللانمىلار
    • قورال ياراغلارنىڭ مەلۇماتلىرى
    • تارىختا ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ئۇرۇشلار
    • قسىقا ئەسكىري بىلىملەر
    • قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى
    • ھاۋا ئارمىيىسى
    • دېڭىز ئارمىيىسى
    • ئەسكىرى يېڭىلىقلار
  • ئاۋازلىق كىتاب
    • قۇرئان كەرىم «ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق تەرجىمىسى»
    • قىرائەت
      • ئەيمەن سۇۋەيدى
      • مۇھەممەد كوردى
      • ھانى ئەر رىفائى
    • شىرىن بۇلاق
    • تۆت خەلىپە
    • قۇتادغۇبىلىك
  • رەسىملەر
    • دىئاگرامما
    • تۈركىستان مەنزىرلىرى
    • pds لاھىيە رەسىملىرى
    • ئۇيغۇرچە خەرىتىلەر
    • تەكلىماكان لاھىيىسى
    • قورال-ياراغ
  • باشقىلار
    • دۆلەتلەر
    • ئۇيغۇر تىلى
    • ساغلاملىق
    • ئۇيغۇر تائاملىرى
    • مەشھۇر شەخسلەر

كۆرۈپ بىقىڭx

سانلارنى تۇتاشتۇرۇش ئويۇنى

رەڭلەرنى ئۆگىنىش

چىش ئاسراش