مەنبە: Washington/Şarku’l Avsat
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن
2022-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى، پەيشەنبە
دۇنيا روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش كرىزىسىغا شاھىت بولۇۋاتقان بىر پەيتتە ، جۇڭگونىڭ تاجاۋۇز قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى بۈگۈن يۈز بەرگەن ئىشلار بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدىغان تەيۋەن مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقتى.
ئامېرىكا پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەيۋەنگە قىلغان ئاخىرقى زىيارىتى خىتاينىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى.
خىتاي تەيۋەننىڭ خىتاي زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى.
نۇرغۇن كىشىلەر خىتاينىڭ مەلۇم بىر پەيتتە تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشى مۇمكىن دەپ ئويلايدۇ ، بەلكىم روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش سىنارىيەسىنىڭ جاسارىتى بولۇشى مۇمكىن.
يەنە بىر قىسم كىشىلەر بولسا، روسىيە دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جازاغالارغا ئۇخشاش ھەر خىل بېسىملارغا ئاساسەن، بۇ مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايدۇ.
گاتېستون تەتقىقات ۋە سىياسەت ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئامېرىكىلىق يازغۇچى گوردون گ. چاڭ بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى بايانلارنى قوللانغان.
«خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن يېقىندا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا پارلامېنتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەيۋەنگە قىلغان زىيارىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، «ئامېرىكىنىڭ سەلبىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن» دەپ تەسۋىرلىگەن ھەربىي مانېۋىرنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ تەيۋەن يېقىنلىرىدا كۈرەشچى ئايروپىلان، بومباردىمانچى ئايروپىلان ۋە قوغدىغۇچى پاراخوت بىلەن مانېۋىر ئۆتكۈزدى. بېيجىڭ داۋاملىق كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ ، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىدۇ»
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىندسېي گراخام ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى روبېرت مېنېندېز باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاينىڭ ئالتە ئەزاسى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى تەيۋەنگە قىلغان ئىككى كۈنلۈك مەخپىي زىيارىتىدە پرېزىدېنت سەي ئىنگېن ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى.
«يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» مانېۋىرنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلماقچى بولغان پارلامېنت ئەزالىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپلا قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا تەيۋەن مەسىلىسىنى پۈتۈنلەي ھەل قىلىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەتلەرگە تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق تەھدىدتىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
تەتقىقاتچى مۇنداق دەپ يازدى: خىتاي ھازىر تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشنى پىلانلىسۇن ياكى پىلانلىمىسۇن، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك نەچچە ئون يىللىق خاتا سىياسىتىدىن ۋاز كېچىدىغان پەيت كەلدى. ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى چوقۇم تەيۋەننى كېرەكلىك قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇشنى باشلىشى كېرەك.
خىتاي ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي رايون قوماندانلىق ئىشتابى مۇنداق دېدى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەيۋەن ئارىلىنى رەسمىي شەكىلدە جۇڭگۇغا قوشۇۋېلىش ئۈچۈن كۈچ ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە. «تەيۋەن جۇڭگۇ زېمىنىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ۋە مۇقەددەس بىر قىسمى ، تەيۋەن مەسىلىسىگە چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشىغا ئورۇن يوق»
نۇرغۇن تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە ، ئۇكرائىنانىڭ روسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا بولغان قەھرىمانلارچە قارشىلىقى، خىتاينىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشى مۇمكىنچىلىكىنى تېخمۇ ئازلىتىدۇ.
كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، شى جىنپىڭ يېقىنقى ياۋروپادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە جاسارەتلەنگەن بولۇشى مۇمكىن.
ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت ۋە ئەنگىلىيە يەنى ئىقتىسادى روسىيەدىن 25 ھەسسە چوڭ بولغان 29 دۆلەت، روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى توسۇش ئۈچۈن ئويلىغاندەك كۈچ چىقىرالمىدى. شۇڭلاشقا، شى جىنپىڭمۇ ئوخشاشلا ياۋروپانى «خىتايغا قارشى مەغلۇپ بولىدۇ» دەپ ئويلىشى مۇمكىن.
تاجاۋۇز باشلانغاندىن كېيىن موسكۋاغا يۈرگۈزۈلگەن جازانىڭ ئەتراپلىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن چاڭ مۇنداق دېدى: «شى بەلكىم پۇتىننىڭ تاجاۋۇزى نۇرغۇن قالايمىقانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، باشقىلار ئۆزىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان «تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرمايدۇ» دەپ ئۇيلىشى مۇمكىن.»
خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ يېقىنقى ۋەقەلەردىن جاسارەتلەنگەندەك تەسىرات بەرگەنلىكىنى ئېيتقان چاڭ يەنە مۇنداق دېدى: «مەسىلەن، ئۆتكەن يىلى كابۇلنىڭ يىمىرىلىشىدە بېيجىڭ ۋاشىنگىتوننى ئاجىز دەپ قارىدى. «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» «تالىبانلارغا تاقابىل تۇرالمىغان ئامېرىكا قانداق قىلىپ كۈچلۈك خىتايغا يۈزلىنەلەيدۇ؟» دېگەن سوئالنى قويغان.
چاڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: دېيىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ ، ئەمما ھازىر تەيۋەن بوغۇزىغا تەھدىد سېلىش تېخىمۇ مۇھىم.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا نەچچە ئون يىلدىن بۇيان «ئىستراتېگىيىلىك ئېنىقسىزلىق» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ كەلگەن بولۇپ، توقۇنۇش يۈز بەرگەندە خىتاي ياكى تەيۋەنگە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىدى.
چاڭنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن چوقۇم ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قوغدايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېلان قىلىشى، ئىتتىپاقداشلىرى ياپونىيە ۋە ئاۋىستىرالىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، تەيۋەن ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى تۈزۈشى كېرەك ئىكەن.
چاڭ تەيۋەننىڭ ئورنىنى تىنچ ھەل قىلىش ئۈچۈن بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قورال ، بولۇپمۇ يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئەۋەتىشنى باشلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
چاڭ ئاخرىدا «ئامېرىكا ۋە دوستانە دۆلەتلەرمۇ تەيۋەندە ئەسكەر ساقلىشى كېرەك. چۆچۈتۈش تىنچلىقنىڭ ئەڭ ياخشى كاپالىتى »دېدى.