2022-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، يەكشەنبە
روسىيەدە 9-ماي غەلىبە كۈنى قانداق بولىدۇ؟
بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، روسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن 9-ماي غەلىبىنى ئېلان قىلىپ، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرىدىكەن. قانداقلا بولمىسۇن، بۇنىڭ ئەكسىچە دەپ قارايدىغانلارمۇ بار. يەنە بەزىلەر پۇتىن «ئومۇمىي ئۇرۇش ۋە سەپەرۋەرلىكنى ئېلان قىلىدۇ» دەپ قارايدۇ.
- 9-ماي روسىيە تارىخىنىڭ ئۇل تېشىنىڭ بىرى
بۇ كۈن روسىيەدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىستلارنى مەغلۇب قىلغانلىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن «غەلىبە كۈنى» سۈپىتىدە تەبرىكلىنىدۇ. ھازىر دۇنيا بۇ تارىخقا مەركەزلەشتى.
بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، روسىيە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن بولۇپ، ئۇكرائىنالىقلارنىڭ زور قارشىلىقىغا ئۇچرىغان روسىيە ئۆزى ئويلىغان قىسقا ۋە ئاسان غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن.
مۇتەخەسىسلەر يەنە: پوتىننىڭ ئىككى تاللىشى بارلىقىنى ئوتتۇرغا قۇيدى.
- غەلبىنى جاكارلاش
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، پۇتىن 9-ماي پايتەخت موسكۋادا قىلىدىغان سۆزىدە «غەلبىنى جاكارلايدىكەن». ھەمدە بىر مەزگىل دونباسنى مەركەز قىلىپ كېلىۋاتقان ۋە مارىپولنىڭ كونترولىقىنى قولغا كەلتۈرگەن روسىيە ئارمىيىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئېلان قىلىدىكەن.
«شۇنداق قىلىپ پۇتىن ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ»
2. يادرو قوراللىرى
ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئالدىدىكى يەنە بىر تاللاش بولسا ئۇرۇشنى پۈتۈن ئۇكرائىناغا كېڭەيتىش.
«ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇڭ» نامىدىكى نامايىشچىلارنى قولغا ئېلىش بىلەن شەھەرنى تىنىچلاندۇرغان روسىيە، تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدا ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوققا چىقىرىدىغان سىنلارنى تارقاتماقتا.
ھەتتا «يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش» توغرىسىدا ۋاراڭ-چۇرۇڭلارمۇ يوق ئەمەس.
- روسىيە ئىقتىسادىنىڭ قىيىن كۈنلىرى
روسىيە ئىقتىسادى جازا ۋە دۇنيادىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىي كرىزىس سەۋەبىدىن قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردى.
«روسىيە ئۇكرائىنادا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى» دېگەن باھامۇ پۇتىنغا بولغان بېسىمنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېن ۋاللېس، روسىيە پرېزىدېنتىنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى «ئومۇمىي ئۇرۇش» تاللاشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ھەتتا مىللىي سەپەرۋەرلىكنى ئېلان قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويدى.
- كرېمىل سارىيىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىش
موسكۋا بۇ بايانلارنى تېزلا رەت قىلدى. كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ بۇ ئەيىبلەشلەرگە «بىمەنە» دەپ باھا بەردى. ئۇ: «بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس» دېدى.
قانداقلا بولمىسۇن، روسىيە ئۇزۇندىن بۇيان غەرب تاراتقۇلىرىدىكى، روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىغانلىقى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى رەت قىلىپ كەلدى.
- روسىيە 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇرۇشنى باشلىدى.
خەلقئارا جەمئىيەت 5-ئاينىڭ 9-كۈنى موسكۋانىڭ قانداق يولدا مېڭىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ھەر ئىككى تاللاشنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تەسىر قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا باھا بەرمەكتە.