23-ماي 2022
پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلاۋال بۇتتو زەردارى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىملىق چەتئەل زىيارىتىنى خىتايدىن باشلىدى.
خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا ، پاكىستان مىنىستىرى خىتاي مەنسەپدىشى ۋاڭ يى بىلەن دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى گواڭجۇ شەھىرىدە كۆرۈشكەن.
زېدارى خىتايدىكى مەنسەپدىشى بىلەن كۆرۈشكەندە 26-ئاپرېل كاراچى ئۇنۋېرسىتىتى كۇڭزى ئىنستىتۇتىغا قارىتىلغان تېرورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان خىتاي پۇقرالىرىغا تەزىيە بىلدۈردى.
پاكىستان مىنىستىرى خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ھېچقانداق تېرورلۇق ھۇجۇمىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، پاكىستان-خىتاي دوستلۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
خىتاي بىلەن بولغان دوستلۇقنىڭ پاكىستاننىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئۇل تېشى ۋە پاكىستان خەلقىنىڭ مۇقەررەر تاللىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان زەردارى پاكىستاننىڭ «بىر خىتاي» سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداشنى قوللايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
زاردارى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى باش ئورگىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن «يەرشارى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھەرىكىتىگە چاقىرىش» يىغىنىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونىي بىللىنكېن بىلەن كۆرۈشكەن.