ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىدىن كېيىن بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدا جىددىيلىك كۈچەيدى.
كرىزىستىن كېيىن، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكىلىق خىزمەتداشلىرىنىڭ تېلېفونىغا جاۋاب قايتۇرمىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ژۇرنىلى «Politico» ژۇرنىلى بۇ تېمىدىن خەۋىرى بار ئۈچ ئادەمنى ئاساس قىلغان خەۋەرلەردە، نۇرغۇن تېلېفونلارنىڭ جاۋابسىز قالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. تېلېفونىغا جاۋاب بېرىلمىگەن ئەمەلدارلار ئىچىدە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىن ۋە ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى مارك مىللېي دەپ يېزىلغان.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى (بەشبۇرجەكلىك بىنا) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىللېينىڭ خىتايدىكى مەنسەپدىشى لى زۇچېڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى ئۇچرىشىشى 7-ئىيۇلدا ئېلىپ بېرىلغان. ئوستىن بولسا 6-ئايدا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې بىلەن كۆرۈشتى.
پېلوسىنىڭ زىيارىتىگە قارىتا، بېيجىڭ ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتنى توختاتتى. جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا، كېلىمات ئۆزگىرىشى ، دېڭىز بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقمۇ توختىتىلغان.